9- ئاينىڭ 27- كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرى ۋۇيى ناھىيەسىنىڭ شىڭبياۋ كۆكتات ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقان مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكى ئىچىدە مايسا يېتىشتۈرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرىنىڭ ۋۇيى ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە رايون كۆكتات، مېۋە-چېۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا تايىنىپ، كۆكتاتلارنى تۈجۈپىلەپ يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى، ناھىيە بويىچە يىللىق كۆچەت يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارى 10 مىليون تۈپتىن ئاشىدىغان تۈجۈپىلەپ كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن بەشى قۇرۇلدى، دېھقانلار تېرىقچىلىق ئېھتىياجىغا ئاساسەن بازا بىلەن 30 نەچچە خىل كۆكتات مايسىسىنى يېتىشتۈرۈش توختامى ئىمزالىدى. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيە يىلىغا 100 مىليون تۈپ ئەلا سۈپەتلىك قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەپ كۆچەت يېتىشتۈرۈش نىسبىتىنى % 90تىن ئاشۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياۋگو فوتوسى