تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ ساياھىتىنى ئىزدەش ئېشىش دائىرىسى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىىرىمىز جاڭ شياۋمى، ليۇ لىنا خەۋىرى): «مەن قاناستا ساياھەتچىلەرنى ساياھەت قىلىشقا يېتەكلەۋاتىمەن» «كەچۈرۈڭ، يېقىندا بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، ھازىر دېيىشكە ئامالسىزمەن "1-ئۆكتەبىر"دىن كېيىن دېيىشەيلى» «"1-ئۆكتەبىر" ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئاپتوموبىل ۋە ياتىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراشمەن، راستتىنلا بەك ئالدىراش.» يېقىندا مۇخبىر ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ساياھەت ئىدارىسى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش كۇلۇبى، دالا كۇلۇبلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئېرىشكەن ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى «1-ئۆكتەبىر» بايرىمىلىق ئۆمەككە تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكى، نۇرغۇنلىغان ئېكسپېدىتسىيە كۇلۇبى، دالا كۇلۇبى مەسئۇل خادىملىرىنىڭمۇ بىرىنچى سەپكە بېرىپ ئۆمەككە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى بولدى.

  چوڭ سانلىق مەلۇماتتىمۇ كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت بايرىمىلىق ئۇزۇن دەم ئېلىشنىڭ كۈنسايىن يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھىتىمۇ بارغانسېرى قىزىغان.

  9- ئاينىڭ 26 -كۈنى شيېچىڭ ساياھەت تورى «2019- يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلەش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. شيېچىڭ چوڭ رايونى ئاممىۋى ئىشلار دىرېكتورى سۈن ۋېيلى مۇنداق دېدى: «بىز 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە بولغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، شىنجاڭ ساياھىتىگە ئالاقىدار ئىزدىنىشنىڭ ئېشىش دەرىجىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭ ئۆمەك بىلەن ساياھەت قىلىدىغان كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ئون چوڭ ئۆلكە (رايون) شەھىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۈرۈمچىمۇ مەملىكەت ئىچىدىكى ئون چوڭ ئەڭ جەلپ قىلىدىغان مەنزىل شەھەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىستاتىستىكىلاپ چىقتۇق.»

  «1-ئۆكتەبىر»نىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈنى سەپەرگە چىقىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەن.

  «1-ئۆكتەبىر» مەزگىلىدە سەپەرگە چىققاندا، قايسى كۈنىدە ساياھەتچى ئەڭ كۆپ بولىدۇ، چوڭ سانلىق مەلۇماتتا: 10- ئاينىڭ 1-، 2- كۈنى دەپ كۆرسىتىلگەن.

  شيېچىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋە كوللېكتىپ ساياھەت قىلىش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە شىنجاڭ ساياھەتچىلىرىنىڭ ساياھەت يۇقىرى پەللىسى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى ۋە 2-كۈنىگە مەركەزلەشكەن، ئۇنىڭدىن قالسا 9- ئاينىڭ 30- كۈنى، 10- ئاينىڭ 3- كۈنى بولۇپ، 10- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن كېيىن سەپەرگە چىقىدىغانلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئازلايدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن، داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە لىنىيەلەردە يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدىكەن، شۇڭا ساياھەتچىلەرنىڭ يۇقىرى پەللىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يولغا چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  سەنيا، كۇنمىڭ شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان جاي 

  بۇ «1-ئۆكتەبىر» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر قەيەرگە ئەڭ كۆپ بارىدۇ؟ قەيەردىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ؟ شيېچىڭ ئايروپىلان بېلىتىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ، شاڭخەيلىك ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كېلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن، شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر سەنيا ۋە كۇنمىڭغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى