9- ئاينىڭ 21- كۈنى، باغۋەن شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئاراتۈرۈك ناھىيەسى تۇخۇلۇ يېزىسى چوڭتاش كەنتىدىكى باغدا ئالما ئۈزمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر پولات خەۋىرى، فوتوسى) بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى دېھقانلار ئالمىنىڭ مول ھوسۇلىدىن شادلاندى، مېۋىلىك باغدا مول ھوسۇل مەنزىرىسى ئەكسى ئەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاراتۈرۈك ناھىيەسى ئۆز جايىنىڭ تۇپرىقى، كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشنى خاس ئىقتىسادىي باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك يېڭى يولىغا مېڭىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
قومۇل گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى