تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا قومۇلغا ساياھەتكە كەلسىڭىز، بۇ جايلارنى ئايلىنىشنى قولدىن بېرىپ قويماڭ

ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى خۇەنسەيخۇ كۆل

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ شىنجيا خەۋىرى، فوتوسى): دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا ئاز قالدى، سىزنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كەلگۈڭىز بارمۇ؟ مۇخبىر سىزنى قومۇلنى ساياھەت قىلدۇرۇپ كېلىدۇ، سىز يۇرتىمىزنىڭ مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنالايسىز.

  قومۇلدا خېلى كۆپ باغچا بار، مەسىلەن خەلق باغچىسى، تۆمۈريول باغچىسى، نېفىت باغچىسى، دۆلەت يېزا ئىگىلىك سانائەت باغچىسى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەدەنىيەت مەيدانى قاتارلىقلار، بۇ جايلارنىڭ ئارىلىقى يېقىن، مۇھىتى گۈزەل بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىللە بېرىپ ئايلىنىپ كېلىشىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

  ئېۋىرغول رايونىدىكى بوغاز قۇملۇقىمۇ خېلى ياخشى تاللاش بولۇپ، نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالتۇن رەڭلىك قۇم بارخانلىرىدىن شەكىللەنگەن گۈزەل قۇملۇق مەنزىرىسى چۆللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ نەچچە ئون كىلومېتىرغا سوزۇلغان بولۇپ، لوپنۇر كۆلى ۋە ساركۆل كۆلىگىچە بارىدۇ. ئېگىز جايدا تۇرۇپ قۇملۇق مەنزىرىسىگە نەزەر سالسىڭىز، گەرچە «بىر-بىرىگە تۇتاشقان قۇم بارخانلىرى  ئىنتايىن چەكسىز، بىپايان قۇملۇقنىڭ چېتى كۆرۈنمەيدۇ» دېگەندەك بولمىسىمۇ، ئەمما قۇملۇقنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ، قۇياش چىققان، پاتقان ۋاقىتتىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن، قۇملۇقنىڭ قوياش نۇرىغا چۆمۈپ رەڭگارەڭ نۇرلارنى قايتۇرغان ھەيۋەتلىك مەنزىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنالايسىز.

  ھازىر تاغنىڭ شىمالىدا كۈز پەسلى تېخىمۇ رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى، يايلاقنىڭ كۈز تۈسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ساپسېرىق ئوت- چۆپلەر، ياپيېشىل قارغايلار بىلەن ئوتلاقلاردا ئوتلاۋاتقان كالا، قوي، ئاتلار گىرەلىشىپ، بەئەينى گۈزەل يايلاق تەسۋىرلەنگەن ماي بوياق رەسىمىگە ئوخشاپ قالغانىدى.

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سىز باركۆل ناھىيەسىگە ساياھەتكە بارسىڭىز، يايلاق مەنزىرىسىدىن مول تارىخنى ھېس قىلالايسىز؛ ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدە مۇھەببەتنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان خۇەنسەيخۇنى كۆرەلەيسىز؛ «ئابستراكىت سەنئەت سارىيى» دەپ ئاتالغان توغراقلىقنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى ۋە قەيسەرلىكىنى ھېس قىلالايسىز.

باركۆلدىكى دېشېڭ دەرۋازىسى

بوغاز ليۇشا تېغى

قومۇل گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى