9- ئاينىڭ 18- كۈنى، بىر مەيدان قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە جايلاشقان جىيىن سۇ ئامبىرى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىردى.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ياڭ گۇاڭ خەۋىرى، فوتوسى) كوئىنلۇن تېغىنىڭ ئۈستى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان، سۇ ئامبىرى ئەتراپىدىكى ئوت-چۆپلەر ياپيېشىل بولۇپ، جىيىن سۇ ئامبىرى قارلىق تاغ ئاستىدا ناھايىتى گۈزەل كۆرۈنەتتى. مۇشۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپ، مۇخبىر خۇددى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى يۈخۇ كۆلىگە كېلىپ قالغاندەك ھېسسىياتتا بولدى.