تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

2019-يىلى قىشتا ئۈرۈمچىنىڭ ئىسسىنىش كۆلىمى 206 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، گۇاڭخۈي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى 3-تارماق شىركىتىنىڭ 7438-بېكىتى  پار قازان ئۆيىدە، ئىشچى چېن جېنپىڭ قولىدىكى تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن تەبىئىي گاز ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن، ما يۈەن خەۋىرى، فوتوسى) : 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق تاماملىنىپ، بىرىنجى، ئىككىنجى قېتىملىق پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى نورمال بېسىم ساقلاش، ئىسسىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پار بىلەن تەمىنلەش كەسپىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل قىشتا ئۈرۈمچىنىڭ ئىسسىنىش كۆلىمى 206 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، ئالدىنقى ئىسسىنىش مەزگىلىدىكىدىن 5 مىليون كىۋادرات مېتىر ئاشىدىكەن.

  ئالدىنقى باسقۇچتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پار بىلەن تەمىنلەش كەسپىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىپ، پار بىلەن تەمىنلەشتىن ئىلگىرىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن گاز، توك بىلەن تەمىنلەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئەسلىھەلەرنى قوغداش ۋە سۇ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەندى. 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ تەييارلىقى پۈتىدۇ. 

 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى