تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گوۋ فاجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار تۇرسۇن، مېڭكې زۇنۇن خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تۇنجى زامانىۋى سەنئەت ئىجادىيەت بازىسى -غەربىي يۇرت مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقات يۇرتى خوراتاغ سەنئەت ئىجادىيەت بازىسى، خوراتاغ رەسساملار كەنتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سەنئەت كەسپى بويىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بازىسى يەنجى ناھىيەسىنىڭ خوراتاغ كەنتىدە رەسمىي قۇرۇلدى. شۇ كۈنى، خۇانەن سىفەن داشۆسى سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى شى لېي بىر قانچە نەپەر ئاسپىرانتنى باشلاپ خوراتاغ ئىجادىيەت بازىسىغا جايلاشتى.
كورلا شەھىرى، يەنجى ناھىيەسىدىن كەلگەن گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى شۇ كۈنكى نەق مەيدان دەرسىنى ئاڭلىدى ھەمدە پىروفېسسورلار بىلەن ئىجادىيەت تەسىراتلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.