تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلار يۇمشاق لاي ئوينىغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

  يۇمشاق لاي ئويۇنى قىزىقارلىق بولۇپ، بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى بىلەن قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇمشاق لاي ئوينىغاندا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

  داڭلىق ماركىلىقنى سېتىۋېلىش. سۈپىتى ناچار بولغان يۇمشاق لايغا كۆپىنچە سۈپەتسىز خۇشپۇراق ماتېرىياللار قوشۇلغان بولۇپ، بور ئېلېمېنتى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش نىسبىتى چوڭ، ئاتا-ئانىلار ئىمكانقەدەر داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشى، رەڭگى بەك ئوچۇقنى تاللىماسلىقى كېرەك.

  ئويناشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قول يۇيۇش. بالىلار يۇمشاق لاي ئوينىغاندا، قولىدىكى باكتېرىيەلەر لايغا چاپلىشىپ، يۇمشاق لاي ئۈستىدىكى باكتېرىيەلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، تەكرار بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئويناشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئالدى بىلەن قول يۇيۇش كېرەك. ئەگەر ماتېرىيال سۈپىتى زىيادە سەزگۈر بولسا ياكى قولىنى يارىلاندۇرۇشتىن ئەنسىرىسە، پەلەي كىيىپ ئوينىسا بولىدۇ.

  يېشى بەك كىچىك بالىلار ئوينىماسلىقى كېرەك. يۇمشاق لاي ئويناشقا ماس كېلىدىغان بالىلار توپى ئىككى ياشتىن يۇقىرى بالىلار، شۇڭا ئىككى ياش ئىچىدىكى بالىلارنى ئاتا - ئانىلار يۇمشاق لاي ئويۇنى ئويناشقا يېتەكلىمەسلىكى كېرەك.

  نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش. بالىلار يۇمشاق لاي ئوينىغاندا، ئائىلە باشلىقلىرى ياخشى نازارەت قىلىشى، يېشى كىچىكرەك بالىلارغا پۇرىقى كۈچلۈك يۇمشاق لاينى تاللىماسلىقى، ئۇلارنىڭ يۇمشاق لاينى يەۋېلىشىنى توسۇش كېرەك.

  سۈپەت كاپالەت مۇددىتىگە قاراش. سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۇزۇن بولغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماڭ، بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ يېمەكلىك دەرىجىسى يوق، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسىنىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى، بىخەتەرلىكى تۆۋەن بولىدۇ.

  ئاتا - ئانىلار بالىلارغا ئۆيدە يۇمشاق لاي ياساپ بەرسە بولىدۇ. ئۇنغا سۇ ، تۇز، خاسىڭ قىيامى ۋە ئۆسۈملۈك مېيى قوشۇپ، يەنە بىر نەچچە تېمىم يېمەكلىك بويىقى ئارىلاشتۇرسا بولىدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، يۇمشاق لاي ياساشتىن بۇرۇن، بالىنىڭ بۇغداي ئۇنى، خاسىڭ قىيامى قاتارلىق تەركىبلەرگە زىيادە سەزگۈر ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك . ( مۇخبىر لى شۇاڭ )

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى