تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گۇيجوۋ پىڭتاڭ ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى


 9- ئاينىڭ 26- كۈنى، بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى پىڭتاڭ ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىدىن يىراققا نەزەر تاشلىماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئېگىزلىكى 332 مېتىر كېلىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بېتون كۆۋرۈك مۇنارى __ گۇيجوۋ پىڭتاڭ-لوديەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى پىڭتاڭ ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى. مۇخبىرنىڭ گۇيجوۋ ئۆلكىلىك قاتناش تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، پىڭتاڭ ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2135 مېتىر، كۆۋرۈك يۈزىنىڭ كەڭلىكى 30.2 مېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى  قىلىپ پىلانلانغان، ئۈچ مۇنارلىق قوش لىنىيەلىك يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈك. ئۈچ كۆۋرۈك مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 320 مېتىر، 332 مېتىر ۋە 298 مېتىر بولۇپ، جىلغىغا سېلىنغان 100 نەچچە قەۋەتلىك بىناغا باراۋەر كېلىدىكەن. پىڭتاڭ ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى 2016-يىلى 4-ئايدا باشلىنىپ، 2018-يىلى 11-ئايدا كۆۋرۈك مۇنارى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېكىتىلگەن، ئومۇمىي قۇرۇلۇش مۇددىتى 42 ئاي بولۇپ، جەمئىي 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇ قېتىم تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆۋرۈك يۈزى قۇرۇلۇشى ۋە رېشاتكا ئورنىتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل يىل ئاخىرىدا پۈتۈن كۆۋرۈكتە قاتناش باشلىنىدىكەن، شۇ چاغدا پىڭتاڭدىن لوديەنگە بولغان يول يۈرۈش ۋاقتى ئىككى يېرىم سائەتكە قىسقىراپ، گۇيجوۋنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش يولىغا ئايلىنىدۇ، بۇ يۈننەن، گۇيجوۋ، گۇاڭشىدىكى چۆللەشكەن رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ ۋېنبىن فوتوسى)

9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان پىڭتاڭ ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاۋ لياڭ فوتوسى.


 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى