تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شياۋلۈگۇدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى كۆزلەرنى قاماشتۇردى

كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغلار چاقناپ، ئاسماننى يورۇتتى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) شياۋلۈگۇدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان دۇمباق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، 780 نەچچە گۇرۇپپا نۇر دەستىسى چىرىغى، 300 نەچچە يۈرۈش رەڭلىك چىراغ، ئالتە يۈرۈش لازېر نۇرلۇق چىراغ، 10 يۈرۈش سۈرەت چۈشۈرىدىغان چىراغ، 10 يۈرۈش سۇ دولقۇنى شەكلى چۈشۈرىدىغان چىراغ شياۋلۈگۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جەنۇبتىن شىمالغا بولغان يۆنىلىشتىكى بىر كىلومېتىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەر قايسى نۇقتىلاردا بىرلا ۋاقىتتا يورۇتۇلدى. «ۋەتىنىمىز ياشىسۇن» «سېنى سۆيىمەن جۇڭگو» قاتارلىق چوڭ خەتلەر بىنالار ئارىسىدا نامايان بولۇپ كۆزنى قاماشتۇردى، فوتو ئېلېكتىر كاتتا زىياپىتى ئاجايىپ مەنزىرە شەكىللەندۈرۈپ، ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت قەلبلەردىن ئوخچۇدى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى