چاقما كاۋىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، پولىساخارىد، پېكتىن، ۋىتامىن ھەمدە مىكرو ئېلېمېنت قاتارلىق تەركىبلەر بار. بۇ كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىچىدە، ئاقسىل بىلەن پولىساخارىد ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ. چاقما كاۋا تەركىبىدىكى پولىساخارىد ئىممۇنىتېت كۈچەيتكۈچ بولۇپ، بۇ خىل ماددا مەلۇم سەۋىيەدە ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئىممۇنىتېت فاكتورى پەيدا قىلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەڭشەپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ۋىتامىن Cدىن باشقا، چاقما كاۋا تەركىبىدىكى كاروتىن ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرايدىغان، ئېپتېلىيە توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆسۈپ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەمدە سۆڭەك يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋىتامىن Aغا ئايلىنىدۇ.
گەرچە چاقما كاۋا تەركىبىدە مول بولغان پولىساخارىد تەركىبى بار بولسىمۇ، لېكىن دىيابېت بىمارلىرى يېگەندىن كېيىن، سالامەتلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. گەرچە قىسمەن پولىساخارىد ئاددىي قەنت بولۇپ ئايرىلىدىغان بولسىمۇ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن قاندىكى شېكەر ماددىسى ئۆرلەپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، ۋاھالەنكى چاقما كاۋا تەركىبىدە مول بولغان پېكتىن تەركىبى ۋە تالا ماددىسى بار، چاقما كاۋىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بۇ ماددىلار ئادەم بەدىنىدىكى ئۈچەي يولىدا تۇرۇۋېلىپ، ھەزىم بولۇش ۋە قوبۇل قىلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ.
چاقما كاۋا تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچرايدىغان كۆكتات، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مول بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبى بىزنىڭ تەكشى ئوزۇقلىنىشىمىزغا پايدىلىق. گەرچە تەمى ياخشى ھەمدە تەركىبىدە پولىساخارىد بولسىمۇ، لېكىن دىيابېت بىمارلىرىغا چوڭ تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك ئىش شۇكى، دىيابېت بىمارلىرى چاقما كاۋىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېمەسلىكى كېرەك.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى