تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

25 پارچە تېز سىزما رەسىم ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى خاتىرىلەش

دۇڭ خۇابىن ئايالى جېڭ شياۋيىڭ بىلەن قاراكۆل ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. ( سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ خەۋىرى): شىنجاڭ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدىكى «ئەڭ گۈزەل قۇيرۇق پېيى». بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن دۇڭ خۇابىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى جېڭ شياۋيىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىش ئارزۇسىنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  «قاراڭ، بوۋىڭىز سىزغان شىنجاڭ تۇرپان كارىزى، ئۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل، ئادەملىرى ناھايىتى قىزغىن . . . » 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، يېقىندا شىنجاڭدىن بېيجىڭغا قايتقان دۇڭ خۇابىن ئۆزى بىلەن ئايالى ئىجاد قىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت رەسىملىرى خاتىرىسى» ناملىق رەسىملىك كىتابنى ئېلىپ، نەۋرىسىگە كۆرسەتتى.

  شىنجاڭدا ساياھەت قىلغان 12 كۈن ئىچىدە، دۇڭ خۇابىن بىر تال سىياھ قەلەم، بىر قاپ سۇ بوياق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقىي شىنجاڭنى سىزىپ چىقتى، ئايالى جېڭ شياۋيىڭ بىر ئابزاس گۈزەل مىسرا ئارقىلىق ھاياجانلانغان ھالدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلىدى. «بىزنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئەڭ دەسلەپكى تەسىراتىمىز «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ناخشىدىن باشلانغان» دېدى دۇڭ خۇابىن.

شىنجاڭ بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇنغا ئېلىپ كەلگەن تۇنجى خۇشاللىق، ئويغانغاندا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك قۇياش نۇرى رەتلىك ئىھاتە ئورمىنىغا چۈشۈپ، گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى.

  «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ناخشىدا تەسۋىرلەنگەن «چۆل-جەزىرىلەرنى مۇنبەت ئېتىزلارغا ئايلاندۇرۇش»، «ئوت-چۆپ ئاستىدا قوي-كالىلارنى كۆرۈش»كە بولغان ئىنتىلىشىنى ئېلىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 15تىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدىن شىنجاڭغا بارىدىغان Y 201 قېتىملىق «جىڭخې ناملىق» ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا چىقتى.

  «بۇ مەن ۋە خوتۇنۇمنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشى بولۇپ، يول بويى ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ھېس قىلدۇق، شۇنداقلا ئوخشىمىغان ئۇسۇل بىلەن بۇ قېتىمقى گۈزەل ساياھەتنى خاتىرىلىمەكچى بولدۇق» دېدى دۇڭ خۇابىن. ئۇ رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئايالى يېزىقچىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇلار رەسىم سىزىش ۋە گۈزەل مىسرالارنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى ئاقىلىق، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىدىكى گۈزەل مەنزىرە ۋە تەبىئىي شارائىت، ئۆرپ-ئادىتىنى نامايان قىلدى.

دۇڭ خۇابىن ئىجاد قىلغان قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تېز سىزما رەسىمى.

  ئۇلارنىڭ شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى تۇرپاندىن باشلانغان. ئۇلار يەر يۈزى 58 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا شىنجاڭنىڭ ئوتتەك ئىسسىقىنى ھېس قىلدى؛ بۇيلۇقتا شىنجاڭنىڭ مېۋە - چېۋىلىرىنىڭ تاتلىق تەمىنى تېتىدى؛ كارىزدا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئەمگەكچانلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتىدىن پەخىرلەندى؛ ئەپەندىمنىڭ كونا تۇرالغۇسىدا يۈز ياشلىق بوۋاي بىلەن ئۇچراشتى...

  پويىزدا، ئۇ ئايالى بىلەن كۆز ئالدىدىن توختىماي ئۆتۈۋاتقان تورسىمان قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۆرۈپ، مەخسۇس بىر پارچە رەسىم ئىجاد قىلدى. «تەسەۋۋۇر قىلىش تەس، پويىزدا كېلىۋاتقان يول بويى، بىز قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن رەتلىك تىزىلغان تور كاتەكچىلىرىنى كۆردۇق، كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇ يەر يېشىللىققا تولغان ئىكەن، شىنجاڭ خەلقى قۇملۇقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش مۆجىزىسىنى قەدەممۇ قەدەم يارىتىۋېتىپتۇ» دېدى دۇڭ خۇابىن.

خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ئۆمىكى ئۆتكۈزگەن «جىڭخې نومۇرلۇق سەنئەت كېچىلىكى بېيجىڭ مەخسۇس كېچىلىكى».

  دۇڭ خۇابىن تۇرپاندىن بېيجىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خوتەن ۋىلايىتىگىچە كېلىپ، «جىڭخې ناملىق» پويىزدىن چۈشۈپلا ، قويۇق « بېيجىڭ – خوتەن مۇھەببىتى»نى ھېس قىلدى.

  «ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى يولدىكى مەنزىرە، بىزنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇق.» جېڭ شياۋيىڭ مۇنداق دېدى: «پويىزدىن چۈشۈشىمىز بىلەن، قىزغىن ناخشا - ئۇسسۇل ۋە شېرىن مېۋە - چېۋىلەر بىزنى كۈتۈۋالدى».

  شۇ كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى يىراقتىن كەلگەن ئۇرۇق - تۇغقانلارغا «جىڭخې نومۇرلۇق سەنئەت كېچىلىكى بېيجىڭ مەخسۇس كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈپ بەردى، ھەر بىر ناخشا، ھەر بىر ئۇسسۇلدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھېكايىسى سۆزلەندى.

دۇڭ خۇابىن ئىجاد قىلغان يالقۇنتاغ تېز سىزما رەسىمى.

  «ساياھەت ئاپتوبۇسىدا، بىزنىڭ شوپۇر ئۇستام بىر ئۇيغۇر يىگىت بولۇپ، ھەر قېتىم سۈرەتكە تارتىۋاتقىنىمىزنى كۆرگەندە، ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، بىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىلەرنى خاتىرىلىشىمىزگە ياردەم بەردى. ئۇنىڭ ‹شىنجاڭ بەك گۈزەل، سىلەرنىڭ كۆپرەك تەشۋىق قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن› دېگەن سۆزى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى» دېدى جېڭ شياۋيىڭ.

  قۇملۇق، چۆل-جەزىرە، قارلىق تاغ، كۆل، دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەنلىكتىن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىككىچە بولغان ئارىلىق، دۇڭ خۇابىن ئەر-خوتۇن ئىككىسى تۇرپان، خوتەن، قەشقەر، كورلا، قومۇلدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭغا ئائىت 25 پارچە رەسىمنى ئىجاد قىلىپ، ئۇنىڭغا «جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت رەسىملىرى خاتىرىسى» دەپ نام بەردى. ھەقىقىي خاتىرىدە زېمىنى كەڭ، گۈزەل شىنجاڭ نامايان قىلىندى.

  «بىز شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، گۈللەپ ياشنىغان شەھەر ـ يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندۇق. بۇ قېتىمقى شىنجاڭ ساياھىتىدە، دوستلۇقىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، مول  ھوسۇل بىلەن ئۆيگە قايتتۇق. بىز ئۆزىمىزنىڭ كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىمىزنى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە ئېيتىپ، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئادەملىرى تېخىمۇ گۈزەل جاي ئىكەنلىكىنى ئېيتىمىز»دېدى دۇڭ خۇابىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى