تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

بۇيلۇق مەنزىرە رايونىغا يېڭىدىن يان تېلېفون سىگنالى تارقىتىش مۇنارى ۋە مىكرو شەكىللىك ئاساسىي پونكىت كۆپەيتىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ رۇيلىن خەۋىرى): «بىر تەرىپى قاقاس يالقۇن تېغى، يەنە بىر تەرىپى بۈك-باراقسانلىق، بۇ مەنزىرە ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. مەن نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارتىپ ئۈندىدار توپىدىكى دوست-بۇرادەرلىرىمگە ئەۋەتتىم، ئۇلار سۈرەتنى كۆرۈپ شۇ زامان شىنجاڭغا كەلگۈسى كەلدى!» يېقىندا، بۇيلۇق مەنزىرە رايونى بۇيلۇق سەيلە باغچىسىدا، شەنشىدىن كەلگەن ساياھەتچى جۇۋ ۋېنچىن كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

  بىر تەرەپتىن ساياھەت قىلىپ بىر تەرەپتىن ئورتاقلىشىش ھازىرقى ساياھەتچىلەرنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجى بولۇپ قالدى. شۇڭا خەۋەرلىشىشنىڭ راۋان بولۇش بولماسلىقى ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىغا بولغان رازى بولۇش دەرىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، جىلغا بەلبېغىغا جايلاشقان؛ تەكشى بولمىغان يەر شەكلى سەۋەبىدىن تور سىگىنالى كۆرۈنمەس رايون ھاسىل قىلغان، بۇنىڭدىن سىرت، ھەر قېتىم ساياھەت جانلىنىش مەزگىلىگە كەلگەندە يولۇچىلار ئېقىم مىقدارى زور ھەجىمدە كۆپەيسە، خەۋەرلىشىش سۈپىتى ناچارلىشىدۇ.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، تۇرپان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى، بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئالاقىدار شىركەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ 1 مىليون 500 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ يان تېلېفون سىگنال تارقىتىش مۇنارى ۋە مىكرو شەكىللىك ئاساسىي پونكىت تۈرىنى قۇرۇپ، ياز پەسلى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، بەش يان تېلېفون سىگنالى تارقىتىش مۇنارى ۋە 22 مىكرو شەكىللىك ئاساسىي پونكىتنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇپ ۋە ئىشقا سېلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ كۆچمە سانلىق مەلۇمات تورى بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى