تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

U23 ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

خەلق تورى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى (ئوۋ شىڭرۇڭ): 4- نۆۋەتلىك U23 ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ U23 ئاسىيا لوڭقىسى دېيىلىدۇ) ھەم 2020- يىللىق دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى بويىچە ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىنىڭ گۇرۇپپىغا ئايرىش بويىچە چەك تارتىش نەتىجىسى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن باڭكوكتا ئېلان قىلىندى، جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى ئۆزبېكىستان كوماندىسى، كورېيە كوماندىسى ۋە ئىران كوماندىسى بىلەن C گۇرۇپپىغا بۆلۈندى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقە بەھرەيىندە ئۆتكۈزۈلىدۇ، 16 كوماندا تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ، بۇنىڭدا پەقەت تۆت كوماندا دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ، ياپونىيە كوماندىسى ساھىبخانا كوماندا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن بىر سالاھىيەتكە ئېرىشىدۇ، مۇسابىقىدە ئالدىنقى ئۈچ قاتارغا كىرگەن كوماندا دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. (ناۋادا ياپونىيە كوماندىسى ئالدىنقى ئۈچ قاتارغا كىرىپ قالسا، ئۇنداقتا نامزات تۆتىنچى بولغان كوماندىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا ئاخىرلاشقان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى 0گە قارشى 5 نەتىجىدە لائوس كوماندىسىنى، 0گە قارشى 8 نەتىجىدە فىلىپپىن كوماندىسىنى يەڭدى، 2:2 نەتىجىدە مالايسىيا كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ يەتتە جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىپ، گۇرۇپپا بويىچە بىرىنچى بولۇشتەك نەتىجىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىگە كىردى. جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى ئاخىرى ئۈچىنچى قاتاردىكى كوماندا سالاھىيىتىدە بۇ قېتىملىق چەك تارتىشقا قاتناشتى.

گۇرۇپپا ئايرىلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە (ھەر بىر گۇرۇپپىدا ئوڭدىن سولغا قارىتا 4-، 3-، 2-، 1- قاتاردىكى كوماندا ھېسابلىنىدۇ): 

A گۇرۇپپا: بەھرەيىن كوماندىسى، ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى، ئىراق كوماندىسى، تايلاند كوماندىسى

B گۇرۇپپا: سۈرىيە كوماندىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى، ياپونىيە كوماندىسى، قاتار كوماندىسى

C گۇرۇپپا: ئىران كوماندىسى، جۇڭگو كوماندىسى، كورېيە كوماندىسى، ئۆزبېكىستان كوماندىسى

D گۇرۇپپا: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كوماندىسى، ئىيوردانىيە كوماندىسى، چاۋشيەن كوماندىسى، ۋىيېتنام كوماندىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى