تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى] ئازراق بوش ۋاقىت تاپساملا ئاچامنىڭ دۇكىنىغا ياردەملىشىمەن

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ بىن خەۋىرى): 8- ئاينىڭ 24- كۈنى ئەتىگەندە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىزمەتچىسى جياڭ شۆ سانجى شەھىرى جىنچاڭ باغچىسى پىيادىلەر كوچىسىدىكى «ما لەنجېن مانتا دۇكىنى»غا كېلىپ، «ئاچىسى» ما سۇڭلىڭغا ياردەملەشتى.

  ھەر قېتىم تونۇش خىرىدارلار دۇكانغا كىرگەندە، ما سۇڭلىڭ:«بۇ مېنىڭ ياخشى تۇغقىنىم جياڭ شۆ بولىدۇ، ئۇ يەنە ماڭا ياردەملەشكىلى كەپتۇ» دەيتتى.

  جياڭ شۆ مېھمانلارغا مانتا توشۇغاچ، كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن سالاملىشاتتى، «ئاچام تاماقنى بەك ئوخشىتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئاچامنىڭ سودىسىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھازىر دۇكاندا خۇاجۈەن ئېتىۋاتىمىز، چۈشتىن كېيىن كېلىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ» دېدى جياڭ شۆ.

  ما سۇڭلىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئالدىنقى يىلى تۇغقانلاشقان، ھېيت-بايراملاردا بۇ سىڭلىم سوۋغات ئېلىپ مېنى كۆرگىلى كېلىدۇ. يولدىشىم بىلەن ئىككىمىز ئۇنى ئۆز سىڭلىمىزدەك كۆرىمىز.»

  ما سۇڭلىڭ سانجى شەھىرى سەنگۇڭ بازىرى شىنلۇ كەنتى ئىككىنچى گۇرۇپپىسىنىڭ كەنت ئاھالىسى. ئۇ بۇ يىل 7- ئايدا، تۇغقىنى جياڭ شۆنىڭ تەكلىپى بىلەن، بۇ «ما لەنجېن مانتا دۇكىنى»نى ئۆتكۈزۈۋالدى.

  ھەر كۈنى سەھەر سائەت ئالتىدىن ئاشقاندا، ما سۇڭلىڭ ئەر- خوتۇن دۇكاندا ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. گۆش توغراش، قىيما ئارىلاشتۇرۇش، مانتا تۈگۈش . . . ما سۇڭلىڭ مانتا تۈگۈشكە مەسئۇل، ئېرى خۇڭ شىن مانتا سېتىشقا مەسئۇل. گەرچە ھەر كۈنى ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن دۇكانغا كېلىپ ناشتا قىلىدىغان خېرىدارلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ما سۇڭلىڭ ئەر- خوتۇن ناھايىتى خۇشال ئىدى.

  سائەت 11:30 ئەتراپىدا، مانتا ئاساسەن سېتىلىپ بولدى، ما سۇڭلىڭ خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىرغا زىغىر، كۈنجۈت مېيى سۈركىدى، جياڭ شۆ خۇاجۈەن يۆگىدى، خۇڭ شىن ئاشخانىنى يىغىشتۇردى، ئۈچەيلەن كۈلكە-چاخچاق ئىچىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. جياڭ شۆ خېمىرنى ئۇستىلىق بىلەن سوزۇپ قاتلاپ، ئاندىن تولغاپ چىرايلىق خۇاجۈەن يۆگىدى. «سىڭلىم، خۇاجۈەن يۆگەشكە بارغانسېرى ئۇستا بولۇپ كېتىپسىز جۇمۇ،» دېدى ما سۇڭلىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ.

  «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاچام ئۆگەتكەن تۇرسا» دېدى جىياڭ شۆ قاسقاندىن يېڭىلا چىققان خۇا جۈەنگە قاراپ، «تۇنجى قېتىم خۇاجۈەن يۆگىگەندە بەكلا سەت يۆگەپ قويغانىدىم، ئاچامنىڭ ئۆگىتىشى نەتىجىسىدە ھازىر ئۇستا بولۇپ كەتتىم.»

  جىياڭ شۆ يانفونىنى قولىغا ئېلىپ ئاكىسى خۇڭ شىنغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ: « ئاكا، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن ئۈندىداردا دۆلەت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سىياسەتنى كۆردۈم، بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى »دېدى.

  ما سۇڭلىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. چوڭ ئوغلۇم تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدۇ، كىچىك ئوغلۇم باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئىككى بالامنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا ئاساسەن پۇل خەجلىمەيمەن، دۆلەت يەنە تېخى تاماق ياردەم پۇلى بېرىدۇ!»، ما سۇڭلىڭنىڭ چېھرىدە بەخىت كۈلكىسى جىلۋىلەندى. 

سانجى گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى