ھازىر، خۇڭشۇ، يۈتوۋ قاتارلىق ياڭيۇ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر كۆپلەپ بازارغا سېلىندى. ئۇلارنىڭ تەمى يۇمشاق ھەم تاتلىق بولغاچقا كۆپچىلىك ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ياڭيۇ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە يېمەكلىك تالاسى مول ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بىلىۋېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ياڭيۇ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ئاساسلىق يېمەكلىكتە بولمىغان ۋىتامىن C ئىنتايىن مول بولۇپ، بەزىلىرىدىكى ۋىتامىن C ھەتتا كۆپ ساندىكى يىلتىزسىمان غول، يېڭى پۇرچاق ۋە چەيزە تۈرىدىكى كۆكتاتلاردىنمۇ يۇقىرى. ۋىتامىن Cنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن، ياڭيۇ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى دۈملەپ پىشۇرۇپ يېگەن ياخشى. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ياڭيۇ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر گەرچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، ئاساسلىق يېمەكلىكنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك قوللانمىسى( 2016 )»دا ھەر كۈنى 50 گىرامدىن 100 گىرامغىچە ياڭيۇ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى