تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا......

  0 ~ 3 ئاي ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرۈشى بىر خىل دەسلەپكى رېفلېكس. ھامىلە ۋاقتىدىكى ئۇلارنىڭ بالىياتقۇدىكى باش سۈيى ئىچىدىكى قىياپىتى دۈمبىسىنى سىرتقا قارىتىپ، بەدىنىنى تۈگۈلۈۋالغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى بوۋاقلارنىڭ ئەڭ تەبىئىي ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇلى، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئەڭ ئەركىن، شۇنداقلا بىخەتەر تۇيغۇدا بولىدۇ. شۇڭا، چوڭلارغا قارىماققا بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلىسا بىئارام بولىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بوۋاقلار يەنىلا تاتلىق ئۇخلايدۇ، ئاسان ئويغىنىپ كەتمەيدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۈم يېتىپ ئۇخلاش بۇرۇن-يۇتقۇنچاق يولىنىڭ چوڭىيىشىغا پايدىلىق بولۇپ، نەپەس تېخىمۇ راۋانلىشىدۇ، يەنە قورساق كۆپۈش سېزىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. 3 ئايدىن ئاچقاندىن كېيىن بوۋاقلار يەنە دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرسە، بۇ ئادەت مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن. 

   بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىپ ئۇخلىشى پايدىلىقمۇ ياكى پايدىسىزمۇ؟ بۇ مەسىلىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بىرىنچى، ئۈچ ئاي ئىچىدىكى بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلىسا، ئۇيقا سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.  ئىككىنچى، 3 ~ 7 ئايغىچە بولغان بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا بويۇن ۋە دۈمبە مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇپ، يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۈچىنچى، 7 ئايلىقتىن 1 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار جانلىق بولۇپ، ئۆرۈلىدۇ، ئۆمۈلەيدۇ، ئولتۇرىدۇ، تۇرالايدۇ، شۇڭا دۈم يېتىپ ئۇخلاش خەۋپى تېخىمۇ كىچىكلەيدۇ، ئەگەر دۈم يېتىپ تېخىمۇ ياخشى ئۇخلىيالىسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ زىيادە ئارىلىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق. 

                                                                                                                    خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى