تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

مايتاغ-كۇچا تاشيولى: ئاقسۇ ساياھەتچىلىكىدىكى «ئالتۇن يول»

كۇچا كىچىك كۆلى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار لۈ نا، دۇەن شياۋماۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جيەنچياڭ فوتوسى، خەۋىرى): كەچكى شەپەق چاچقان ئالتۇن نۇرلار چېن گۇاڭشۆنىڭ ئۈستىگە يانتۇ چۈشۈپ تۇراتتى، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋېلسىپىت پىدالىنى تەپتى، ئۇ كەچكى قۇياش نۇرى يوقالغۇچە، بۇ قېتىمقى مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى ۋېلسىپىت مىنىپ ئۆتۈشنى تاماملىماقچى بولدى.

  چېن گۇاڭشۆ شىنجاڭ قاراماي شەھىرىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى. بۇ قېتىم ئۇ مايتاغدىن يولغا چىقىپ، ۋېلسىپىت بىلەن مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يول يۈرگەچ ساياھەت قىلدى. بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۇچاغا يېتىپ بېرىپ، جەمئىي 561 كىلومېتىر يول يۈردى.

  بىر تەرىپى تاغقا ، يەنە بىر تەرىپى دەرياغا يانداشقان، مايتاغ-كۇچا تاشيولى «قەھرىمانلار يولى» دەپ ئاتالغان.

  ئېگىز ۋە تىك چوققىلارنى كېسپ ئۆتىدىغان، تاغ-جىلغىلاردىن ھالقىغان، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى تۇتاشتۇرىدىغان مايتاغ-كۇچا تاشيولى «ئەڭ گۈزەل تاشيول» دەپ ئاتالغان.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى مايتاغ-كۇچا تاشيولى كۇچا بۆلىكىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۈرۈشلەشكەن ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، كۇچا ساياھەتچىلىكى، ئاقسۇ ساياھەتچىلىكى، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»ىنى بەرپا قىلدى.

  ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

  بۇ يىل مايتاغ-كۇچا تاشيول ساياھىتى زادى قانچىلىك قىزىدى؟ ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى مەزگىلىدە، مايتاغ-كۇچا تاشيولى لىنىيەسىنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئاپتوموبىل ئېقىم مىقدارى 12 مىڭ قېتىمدىن توغرا كەلدى.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى تىك يارلىق يول، بەشتىن بىر قىسم يول بۆلىكىنىڭ ئاستى ئېگىز تاغلارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇز قاتلىمى بولۇپ، يىل بويى قار يىغىلىپ تۇرىدىغان تۆت داۋاندىن، ئون دەريادىن ئۆتىدۇ. مايتاغ-كۇچا تاشيولى 1974-يىلى ياسىلىشقا باشلانغان بولۇپ، 1983-يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلانغان. قۇرۇلۇش جەريانىدا، 168 نەپەر ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى قار كۆچكۈنى، قار كۆچۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ يەردە قۇربان بولغان.

  بۇ يىل 4-ئايدا، «ئۈچ قىيىن بولۇش، ئىككى راۋان بولماسلىق» مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قاتناش، تاشيول، ساياھەت، خەۋەرلىشىش تارماقلىرى بىرلىكتە مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكىدە مەنزىرە يولىنى ئەلالاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مەنزىرە يولى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن 10نى، مەنزىرە سۇپىسىدىن ئىككىنى ئۆزگەرتتى ۋە كېڭەيتتى؛ خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتىدىن 12نى، دۆلەتنىڭ ساياھەت تۈرى ھاجەتخانىسىدىن ئۈچنى، ھەرىكەتچان ساياھەت ھاجەتخانىسىدىن 10نى قۇردى ھەمدە يول بويى، يول ياقىسى، قىسمەن مەنزىرە كۆرۈش ئاسما يولى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۆپەيتىپ، تونېلنى رېمونت قىلىپ مۇستەھكەملىدى.

  «توردا ئالقىشلانغان تاشيول» ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى قىزىتتى

  چېن گۇاڭشۆ بۇ يىل 62 ياشقا كىردى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قىزىقىشى ۋېلسىپىت مىنىش. «بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋېلسىپىت مىنىپ مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى ساياھەت قىلىشىم» چېن گۇاڭشۆ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مايتاغ-كۇچا تاشيولى ماڭا بىر يىلنىڭ ئىچىدىكى تۆت پەسىلنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ھەر خىل ئۆزگىرىشچان مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلالايمەن.

  مۇخبىرلارنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتى تاشيول، تاشيول تورى قۇرۇلۇشىنى تايانچ قىلىپ، چوڭ-كىچىك كۆل، تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى قاتارلىق نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە مەنزىرە رايونلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى يوقىتىپ، G217 لىنىيەسى مايتاغ-كۇچا تاشيولى مەنزىرە يولى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «قاتناش+ساياھەت» ئۈلگە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يول قۇرۇلۇشى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، مەدەنىيەت مىراسلىرى، ساياھەت، ئارام ئېلىش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقسۇنىڭ ساياھەتچىلىكى ۋە ساياھەتچىلىرىنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسى، رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاقسۇ ساياھەتچىلىكىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى