تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى: جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى تۇنجى قېتىم 10 مىڭدىن ئاشتى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فېي شۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ نەنشى خەۋىرى، فوتوسى): 2011- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «چۇڭچىڭ- شىنجاڭ- ياۋروپا» نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرىدىن چىققاندىن بۇيان، بۇ يىل جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغىنىغا توققۇز يىل بولدى، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ غەربكە قاراپ چېگرىدىن چىقىشىدىكى ئاساسلىق يول بولۇپ قالدى.

ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى تاموژنا خادىملىرى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزمەكتە.

  9- ئاينىڭ 23- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 23- كۈنىگىچە، بۇ تاموژنا جەمئىي نازارەت قىلىپ باشقۇرغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 10 مىڭ 412 گە يېتىپ، تۇنجى قېتىم ئون مىڭدىن ئاشقان، ئاساسلىق لىنىيەسى 14 بولۇپ، گېرمانىيە، پولشا، رۇسىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرگە بارىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش لىنىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، نۆۋەتچى پويىزدىكى يۈك تۈرلىرىمۇ بارغانسېرى موللاشقان، ئەڭ دەسلەپكى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، خەت بېسىش ماشىنىسى، خاتىرە كومپيۇتېردىن ھازىرقى يېمەكلىك، قىزىل ھاراق، ئاپتوموبىل، كىيىم-كېچەك، تۈرلۈك ماللار قاتارلىق 200 نەچچە خىلغا كېڭەيگەن، تاۋارلارنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپ خىللاشقان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا بارغانسېرى يېقىنلاشقان، تىرانسپورت قوشۇلما قىممىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

  شىنجاڭ ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى جيېئەن ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي دىرېكتورى يۈ سۇڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز قۇرۇقلۇق يولى ئىمپورت- ئېكسپورت ماللىرىنىڭ خەلقئارا تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، دەسلەپتە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدۇق، ھازىر ئاساسلىقى قىزىل ھاراق، كىيىم- كېچەك، تۈرلۈك ماللار كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمىز، ئىلگىرى بىز نۇرغۇن ئورۇنلارغا بېرىپ كەسىپ بېجىرەتتۇق، تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى بىر- ئىككى كۈندە ئاران بېجىرىپ بولاتتۇق، ھازىر پەقەت يېرىم سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ، تەننەرخنى تېجەپ، ئىقتىسادى ئۈنۈمنى ئۆستۈردۇق.

  ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 2- بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى داڭ شاۋفېي مۇنداق دېدى: «ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى تاموژنىسى بىر قاتار تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مەخسۇس كۆزنەك تەسىس قىلىپ، ئالدىن تەكشۈرتكەنلەرنى ئالدىن قويۇپ بېرىپ، 24 سائەتلىك مەشغۇلات ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، 365 كۈن دەم ئالماي ئىشلەپ، نۆۋەتچى پويىزنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى