تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-ۋۇخەن-سىنگاپور خەلقئارا ھاۋا لىنىيەسىنى كۆپەيتىدىكەن

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مىن) ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇش ئۈچۈن، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدىكى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تىرانسپورت كۈچى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئۈرۈمچىدىن ۋۇخەن ئارقىلىق سىنگاپورغا قاراپ ئۇچىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان سانىنى كۆپەيتىدىكەن.

  9- ئاينىڭ 25- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، 10- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى- ۋۇخەن- سىنگاپور لىنىيەسى UQ2661 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى كۆپەيتىدىكەن، ئەسلىدىكى ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچۇش ئاساسىدا ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. قايتىپ كېلىدىغان UQ2662 نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ سىنگاپورلۇق ساياھەتچىنى شىنجاڭغا، خۇبېيغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىدىكەن. كەلگۈسىدە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يەنە ئايروپىلان ئەترىتىنىڭ كۆلىمىنى داۋاملىق ڭېكەيتىپ، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى ئېچىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى