تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىل بولدى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېتىزلىرىدا خۇشاللىق ناخشىسى ياڭرىدى

يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇلار مەركىزى تارتقان سۈرەت

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى): ئالتۇن كۈزدە يەكەن دىيارىدىكى ئېتىزلار ھەرخىل رەڭگە كىردى، سېرىق جۇخار گۈلى، يېشىل بادام، ئاق پاختا، سېرىق كۆممىقوناق، قىزىل لازا، چىلان ...بۇ رەڭلەر دېھقانلارنىڭ بىر يىللىق جاپالىق ئەمگىكىگە جاۋاب قايتۇردى.

  مول ھوسۇل پەسلىدە، 920 مىڭ مو بادام كۆچىتى رەتلىك تىزىلىپ تۇراتتى، ئارىلاپ تىكىلگەن جۇخارگۈلى خۇددى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭدار لېنتىغا ئوخشاش مېۋىلىك باغلارنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلاتتى. توپ- توپ مېۋىلەرنى كۆتۈرۈلمەي شاخلار ئىگىلگەن بولۇپ، مېۋىلەرنىڭ چاك كەتكەن يەرلىرىدىن سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك بادامنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. دېھقانلار ئاۋايلاپ ئۈزۈپ، شاكىلىنى سويۇپ، مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى.

  تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى قوللىنىش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق، بۇ يىل يەكەن ناھىيەسىنىڭ بادام ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2018- يىلى بادامنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 44 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، بۇ يىل ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 72 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بادام يەكەن دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بولۇپ قالدى.

  ئېگىز بوشلۇقتىن يەكەنگە نەزەر سالسا، ھەرقانداق ئادەم سېرىق رەڭلىك گۈل دېڭىزىغا مەپتۇن بولىدۇ. 130 مىڭ مو يەردىكى جۇخار گۈلى ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، دېھقانلار گۈزەل گۈللەر ئارىسىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ساياھەتچىلەر گۈلزارلىققا كىرىپ، گۈل- گىياھلاردىن ھۇزۇرلىنىپ سۈرەتكە چۈشتى، يېزا- كەنتلەرنىڭ ھەممە يېرى ئىناق بايرام خۇشاللىقىغا تولدى. گۈزەل جۇخار گۈلى دېڭىزى يېزا- كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە يەكەن دېھقانلىرىنىڭ «بېيىش گۈلى»گە ئايلاندى. بۇ يىل يەكەن ناھىيەسىدىكى 22 يېزا- بازاردا جۇخار گۈلى تېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىلەر 50 مىڭ مو يەرگە تېرىدى، جۇخار گۈلى كەسپى يەكەن ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشىدىكى يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، جۇخار گۈلى تېرىش ئارقىلىق ھەربىر ئائىلە بۇ يىل ئون مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

  يوغان بەسەي، يۇمران لوبو...لىققىدە سەي- كۆكتاتلار قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى كېلىپ- كېتىپ تۇراتتى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن كۈزدىكى كۆكتات ئېتىزلىرىمۇ ئوخشاشلا كىشىلەر ۋە ئاپتوموبىللار بىلەن لىق تولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى ئېتىز- ئېرىق كۆكتات تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ناھىيە ئىچى ۋە باشقا ناھىيە، شەھەرلەرنى يېتەرلىك كۆكتات بىلەن تەمىنلىدى.

  ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىدا ئاپتاپقا سېلىنغان ياڭاق، كۆممىقوناق، مېۋىلىك باغلاردىكى مەرۋايىتتەك ئۈزۈم ، ئالمىلار. . . مول ھوسۇل پەسلىدە، كەڭ زېمىندا ناخشا ياڭراپ، يەكەندىكى ئاممىنىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى