تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە-چېۋە (ئاقسۇ) يەرمەنكىسى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما شاۋبىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن شياۋزېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 12 –كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، 6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە-چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى ۋە 2019-يىللىق مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش نامراتلارنى يۆلەش سەپىرى پائالىيىتى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروت رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە-چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى ۋە 2019-يىللىق مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش نامراتلارنى يۆلەش سەپىرى پائالىيىتى ئاخبارات ۋاستىلىرى يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى نەق مەيدانى. 

  9-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ 6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە-چېۋە (ئاقسۇ)  يەرمەنكىسى ۋە 2019-يىللىق مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش نامراتلارنى يۆلەش سەپىرى پائالىيىتى تاراتقۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە «يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا، يېڭى مەھسۇلات يارىتىش» باش تېما قىلىنىپ، ئالتە چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان، كۆرگەزمە كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانا 250 بولۇپ، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 1000 خىلغا يېتىدىكەن، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى 200دىن ئارتۇق سودىگەر يەرمەنكىگە بېرىپ مەھسۇلات سېتىۋالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2005-يىلىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى چىلان، ياڭاق ، ئالمىنى ئاساس قىلغان ئالاھىدىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلچەمنى كۈچەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، كۇرسلۇق  مەھسۇلات يارىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، بازار ئېچىپ ماركېتىڭ قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، شەھەر ئەتراپىدا ئۈزۈش، سەيلە قىلىش، ئىستىراھەت، ساياھەت قىلىش، باغۋەنچىلىك بازىسى قۇرۇشنى ئاساس قىلغان رايون ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى تەدرىجىي گەۋدىلەندۈرگەن.

  شىنجاڭنىڭ خاس مېۋە-چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى بۇ يىل مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش نامراتلارنى يۆلەش سەپىرى ئاقسۇ پونكىتى پائالىيىتى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ پائالىيەتتە مەھسۇلاتنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش، ئىقتىساد-سودا سۆھبىتى، سېتىۋېلىش-سېتىش كېلىشىمى ئىمزالاش، تۈرلەرنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، سودا ئوبوروت سىستېمىسى بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات-سودا مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى