تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ھەقسىز قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ قان ئىشلىتىش ھەققىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9- ئاينىڭ 23- كۈنى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «ھەقسىز قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ كلىنىكىلىق قان ئىشلىتىش ھەققىنى بىۋاسىتە كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆلكە ئىچىدىكى قان پونكىتى ۋە قان ئىشلەتكۈچى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھەقسىز قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇپ قويۇش، بىر جايدا مۇلازىمەت قىلىش»نى يولغا قويۇپ، ھەقسىز قان تەقدىم قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆلكە ئىچىدە داۋالانغاندا ئىشلىتىدىغان قان ھەققىنى دوختۇرخانىدىن چىققاندا بىۋاستە كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش، «دوختۇرخانا بىۋاسىتە كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشنى ئاساس قىلىش، توردا كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشنى قوشۇمچە قىلىش»تەك قان ئىشلىتىش ھەققىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش مۇلازىمەت يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

   «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بېيجىڭ شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسى، جياڭشى ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، خەينەن ئۆلكىسى، سىچۇەن ئۆلكىسى ۋە يۈننەن ئۆلكىسى 2020-يىلى 1- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەقسىز قان تەقدىم قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلكە ئىچىدىكى دوختۇرخانىلاردا قان ئىشلىتىش ھەققىنى بىۋاسىتە كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. شىنجاڭ، شىزاڭدىن باشقا ئۆلكىلەر 2020- يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بۇ نىشاننى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ئۇچۇر سۇپىسىغا تايىنىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھەقسىز قان تەقدىم قىلغۇچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، قان ئىشلىتىش ھەققىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەر، قان پونكىتلىرى بىلەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تۇتاشتۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن قان ئىشلىتىش ھەققىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش، سۈرۈشتۈرۈش، مەشغۇلات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. باشقا ئۆلكىلەردە كېسەل كۆرسەتكەندە، يانفون ئەپ دېتالى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق توردا بېجىرسە بولىدۇ. كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش ئۆلچىمى جەھەتتە، ئۆلكە بويىچە بىرلىككە كەلگەن كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ۋىلايەت، شەھەرلەر ئارا، قان پونكىتلىرى ۋە دوختۇرخانىلار ئارا راسچوت توسۇقىنى ئېچىپ، ۋىلايەت، شەھەر ھالقىپ كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى