تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چېن شۆ، ئىختىيارىي مۇخبىر مىڭ جىڭ خەۋىرى): يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 52-باشلانغۇچ مەكتەپ تۇنجى نۆۋەتلىك «خېلې لوڭقىسى» قورشاۋ شاھمات مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئۆزگىرىشچان ئاق - قارا دۇنياسىدا بىر مەيدان ئەقىل-پاراسەت سىنىشىشى قىلدى.
مۇسابىقە مەيدانىدا ھەر بىر كىچىك شاھماتچى پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ، قولىدىكى ھەر بىر تال شاھماتنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قويۇپ، چاسا - چەمبەرلەر ئارا شاھمات ئويناش ئارقىلىق دوست بولۇشۇپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، قورشاۋ شاھمات كۇرژۇكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 52-باشلانغۇچ مەكتەپتە كۆپ يىلدىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان، بىراق بۇ مۇسابىقە مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق قورشاۋ شاھمات مۇسابىقىسى ئىكەن.