تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئاياللار ياش ۋاقتىدا زىلۋا بولسا راكقا قارشى تۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياش ۋاقتىدا زىلۋا بولسا راكقا قارشى تۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن، 20 نەچچە ياش ۋاقتىدا بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلەر، كېيىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، ھايات قېلىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن.

  ئالىملار 47 مىڭ شۋېتسىيەلىك ئايالنى 20 ياشتىن 49 ياشقىچە 20 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. تەتقىقاتچىلار بۇ ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچىگەن ھەمدە 50 ياشتىن ئاشقاندا، ئۇلارنىڭ راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلغان. تەتقىقات جەريانىدا، 1241 ئايالنىڭ سۈت بېزى راكى، 259 ئايالنىڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان. تەتقىقاتچىلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرگەندە، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئاياللار ئىچىدە، ياش ۋاقتىدا بەدىنى زىلۋا (بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 22دىن تۆۋەن)لارغا قارىغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى (بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 25دىن يۇقىرى) ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ سۈت بېزى راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى %72تىن يۇقىرى، ئۈچەي راكى بىلەن ئۆلۈش ئېھتىماللىقى %141تىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان. ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ۋاقتى بىر يىل ئۇزارسا، سۈت بېزى راكى ۋە ئۈچەي راكى بىلەن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3 ۋە %4 ئاشىدىكەن.

  ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياش ۋاقتىدا بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ساغلاملىقىمۇ ئۇزاق ۋاقىت تەسىرگە ئۇچرايدىكەن، ئىنسۇلىننىڭ قارشى تۇرۇشى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش، DNAنىڭ زەخمىلىنىش نىسبىتى ئاشىدىكەن ھەمدە ھورمۇن مېتابولىزمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى راك كېسىلىنىڭ كېسەللىك جەريانىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن. ئەنگلىيە راك كېسەللىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇلىيا فرېت دوكتۇر مۇنداق دېدى: تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش قاتارلىق تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ئامىللار راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى