تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئىجتىمائىي ئالاقە قانچە جانلىق بولسا، ئۆپكە ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ

  ئىجتىمائىي ئالاقە بىلەن ئۆپكە ساغلاملىقى بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئامېرىكا «ساغلاملىق پىسىخولوگىيەسى» ژۇرنىلىغا بېسىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە قانچە جانلىق بولسا، ئۆپكە ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن.

  ئامېرىكا كامېگې مېلون داشۆسىنىڭ پروفېسسورى شېلدون كون ۋە تەتقىقات ئەترىتىدىكىلەر 4000دىن ئارتۇق 52 ياشتىن 94 ياشقىچە بولغان سىناققا قاتناشقۇچىلارغا قارىتا تۆت يىللىق ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. سىناققا قاتناشقۇچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەتقىقاتتىن ئىلگىرى ۋە تۆت يىلدىن كېيىن ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئۆلچەش سىنىقىنى قوبۇل قىلىپ، ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان. سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ئائىلە ئەزالىرى، خىزمەتداش، دوست، قوشنا قاتارلىقلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ھەمتۈرتكە دەرىجىسى ئۆپكە ئىقتىدارى ساغلاملىق كۆرسەتكۈچ سانى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدىكەن. تۆۋەن يېقىن دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي رول مۇناسىۋىتى (مەسىلەن: پىدائىيلار بىلەن ياردەم قىلىنغۇچىلار ئارىسىدىكى) بىلەن يۇقىرى يېقىن دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي رول مۇناسىۋىتى (مەسىلەن: ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى)نىڭ ئۆپكە ئاسراش تەرىپىدىكى ئۈنۈمى ئوخشاش ئىكەن.

  پروفېسسور كوننىڭ تەھلىل قىلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۆپكە ئىقتىدارى ساغلام بولۇش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم شەرتلىك بەلگىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ساغلاملىققا بولغان مۇھىملىقى ھەرگىزمۇ چېنىقىشتىن قىلىشمايدىكەن. ئاكتىپلىق بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقىگە قاتنىشىش، بىر-بىرىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق ئۆپكە ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن، ئۆز-ئارا مەدەت بېرىش ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قېلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى