تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باغراش ناھىيەسى: دېھقانلار ھويلىسىدا مول ھوسۇلنى تەبرىكلىدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ چۇڭياڭ، ۋاڭ لۇبىن خەۋىرى، فوتوسى): پاكىز، رەتلىك ھويلا– ئارانلاردا قاتار-قاتار، ھەم تاتلىق ھەم يوغان ئۈزۈملەر پارقىراپ تۇراتتى، باغدا ئېغىزدا قالغۇدەك شوخلىلار، پوستى نېپىز، شىرنىسى كۆپ شاپتۇللار بار ئىدى . . . 9- ئاينىڭ 23- كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى ئۇلان جېكسېن يېزىسىنىڭ ئاھالىسى زورەم رەھمەت باغراش ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئۇلان جېكسېن يېزىسى شىزى موخۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىدىن بولۇپ ئون نەچچە كىشىنى ھويلىسىدا ئۆزلىرى تېرىغان ئۈزۈم، شاپتۇل، كاۋا قاتارلىقلار بىلەن مېھمان قىلىپ، ئۇلارنى كۈزدىكى مېۋىلەرنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى، ھەم بىرلىكتە مول ھوسۇلنى تەبرىكلىدى.

  «ئاچا، بۇ بىر ساپاق ئۈزۈم بەك چىرايلىق ئىكەن، چوقۇم شۇنداق تاتلىق، مەن ئۈزەي، سىز سېۋەت ئېلىپ كېلىڭ ھە»خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى شى ياۋخۇي شوتىغا دەسسەپ كەنت ئاھالىسى زورەم رەھمەت بىلەن بىللە ئۈزۈم ئۈزدى.

  بۇ يىلقى ھوسۇل توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا زورەم رەھمەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئۈزۈمدىن ھوسۇل ئالدىم، شاپتۇل، كاۋا، لازىلارمۇ خېلى يامان ئەمەس بولدى، مەن بەك خۇشال بولدۇم، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، سىلەرمۇ ماڭا ئاز ياردەم قىلمىدىڭلار، ھازىر مېنىڭ تۇرمۇشۇم مۇشۇ ئۈزۈمگە ئوخشاش تاتلىق».

  زورەم رەھمەت ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا شى ياۋخۇي ئۇنىڭغا چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، ھويلا- ئارانلارنى پىلانلاشقا، ئۈزۈم، شوخلا، كاۋا قاتارلىق مېۋە، كۆكتاتلارنى ئىلمىي تېرىپ، ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بەرگەچكە، بۇ يىل ئۇ بۇ كىچىككىنە ھويلىسىدىن 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

  ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، يېقىملىق مۇزىكا ياڭرىدى، كادىرلار ۋە ئامما بىرلىكتە مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئوينىدى، لەرزان ئۇسسۇل، ياڭراق ناخشا ساداسى بىلەن بۇ ھويلا شاد- خۇراملىققا چۆمدى. پائالىيەت مەيدانىدا، ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن باشقا يەنە سىردىشىش، ئۈزۈم يېيىش مۇسابىقىسى قاتارلىق مەزمۇندىكى قىزىقارلىق تۈرلەر ئېلىپ بېرىلىپ، پائالىيەت يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. نەق مەيداندا كۈلكە ئاۋازى ۋە ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. كادىرلار ۋە ئامما يانفونلىرىنى قوللىرىغا ئېلىشىپ، مول ھوسۇل مېۋىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ، مول ھوسۇل خۇشاللىقىنى خاتىرىلىدى.

  شىزى مۇخۇر كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ما يۈەنخۇ مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش مول ھوسۇل ئېلىش، تاتلىق مېۋىلەر كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىنىلا ئەمەس قەلبىنىمۇ تاتلىق قىلدى. كەنتىمىز كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا داۋاملىق يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ھەر يىلى مول ھوسۇل ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز.»

  بۇ يىلدىن بۇيان باغراش ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاممىنىڭ ئېتىز باشلىرىغىچە بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بەردى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىمدا زورەم رەھمەتكە ئوخشاش نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى مول ھوسۇلدىن شادلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى