تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ چاڭ، تۇرسۇنگۈل رەخمىتۇل): ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئاي دەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھوسۇلىنى يىغىدىغان پەسىل. شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى ناھىيەسى ساغانچىكە يېزىسىنىڭ ئارمودون كەنتىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىمىغا ياردەملىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى ھەممىلا يەردە دېگۈدەك ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇلار كەڭ ئېتىز-ئېرىقلارنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سەھنە قىلدى.
يەنجى ناھىيەلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ساغانچىكە يېزىسى ئارمودون كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ياردەم بېرىش-يۆلەش پائالىيەتلىرىنى قەرەللىك ياكى قەرەلسىز قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. ئۇلار ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئىككى ئائىلىنىڭ 17 مو يەردىكى لازىسىنى يىغىۋېلىشقا ياردەم بەردى.
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى