تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شاڭخەي كارخانىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا ماكانلىشىپ باغۋەنلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جېخاۋ، جوۋ يې): يېقىندا، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى تولۇق مەبلەغ سالغان شۆبە شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئەنجى ئەشيا ئوبوروتى پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئەنجى ئەشيا ئوبوروتى» دەپ ئېلىنىدۇ) شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە شۆبە شىركەت تەسىس قىلىپ، مۇقىم ئىسمېنا تەسىس قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىرىش مۇقىم توشۇش كۈچى بەرپا قىلىپ، شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داۋاملىق شىنجاڭدىن چىقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئەنجى ئەشيا ئوبوروتىنى باشلاپ قەشقەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت لايىھەسى تۈزۈپ بەردى، ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت ئىقتىدارى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ھۆكۈمەت يۆلەش ئېھتىياجى قاتارلىقلارغا قارىتا ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، مۇقىم ئىسمېنا تەسىس قىلغان رايونلار تولۇق مال توپلاش، باشقا لىنىيەلەر يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشتەك سۇپا ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شاڭخەينىڭ ساھەلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان رايونلارنىڭ مال چىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى