تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

چېن چۈەنگو، ۋاڭ دۇڭفېڭ، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ دۇڭفېڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى، باغراش ناھىيەسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 2- شىسىنىڭ باشئەگىم شەھىرىگە كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى زىيارەت قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى.

9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خېبېي ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى كورلىدا ئېچىلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەنلىكى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خېبېي ئۆلكىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، «ئىمتىھان بېرىش» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ، ئالتە، سەككىز، توققۇز» خىزمەت پىكىر يولىنى يولغا قويۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قەدىمكى يەن، جاۋ زېمىنىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلدى. بىز چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى توپلاپ، شىنجاڭغا خالىس ياردەم بېرىپ، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك، ھەر تەرەپلىمىلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 2- شىسىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدار. شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، خېبېينىڭ ياخشى تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ.

ۋاڭ دۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، بۇ بىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، ھەسسىلەپ رىغبەتلەندۈردى. شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا تۇرىدۇ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئەمەلىي سىناق قىلىپ، خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل تۈردە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ كۈچنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كەسىپلەر، كارخانىلار ۋە تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە مۇلازىمەت قىلىپ، ياردەم بېرىش، يۆلەش مەبلىغىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۈچەپ ئەقلىي كۈچ ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قوللاشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازاردا سېتىلىشىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر قايسى تارماقلار ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ شەكىل - ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

سۆھبەت يىغىنىدا، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى يۈەن تۇڭلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بايىنغولىن ئوبلاستى، بىڭتۇەن 2 - شىسى باشئەگىم شەھىرىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

خېبېي ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن لياڭ تيەنگېڭ، شىڭ گوخۇي، گاۋ جىلى، نيې رۇيپىڭ، جوۋ جۇڭمىڭ، شيا يەنجۈن، سۇ يىنزېڭ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، گۈلشات ئابدۇقادىر، رېن خۇا، چېڭ جېنشەن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى