تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا باشلاندى

لى كېچياڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى    ۋاڭ خۇنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى 9- ئاينىڭ 23- كۈنى، «ئۇلۇغ مۇساپە شانلىق مۇۋەپپەقىيەت − جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، باشلىنىش مۇراسىمى باشلاندى. پۈتۈن مەيداندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى.

لى كېچياڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۆرگەزمىدە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورناتقانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئاچقانلىقى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلدى. كۆرگەزمىدە يولداش ماۋ زېدۇڭ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ، يولداش جياڭ زېمىن، يولداش خۇ جىنتاۋ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخ يارىتىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ جان تىكىپ ئېلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا بىر - بىرلەپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى؛ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى. كۆرگەزمىدە 70 يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا زېمىنىدا يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر سادىقلىق بىلەن خاتىرىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىگەنلىكى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكى، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ سىجىل ئېشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا تېگىشلىك پائال تۆھپە قوشقانلىقى جانلىق كۆرسىتىلدى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 70 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر بىزنى ئىنتايىن پەخىرلەندۈرىدۇ، يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىزنىڭ ھەسسىلەپ تىرىشىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زېھىن - كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاق مۇددەت تۇرىدۇ، يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. بىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېزدىن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، بازارنىڭ سۇبيېكتلىق ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوزغىتىشىمىز كېرەك. ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۈچەيتىش بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ ئىشلار داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئەمەلىي ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلىتىمىزنى باي، دېموكراتىك، مەدەنىي ۋە ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك!

شۈ چىلياڭ، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، ليۇ چىباۋ، خې لىفېڭ، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەركەز پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋە بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 1000 كىشى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى مۇقەددىمە زالى، شەرقتە قەد كۆتۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، گۈللىنىشكە يۈزلىنىش، كىشىلىك دۇنيادىكى توغرا يولدىن ئىبارەت بەش بۆلەككە بۆلۈنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى