تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«قۇربان تاغا لوڭقىسى» خوتەن سوۋغىسى ساياھەت - مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى: (مۇخبىر فۇ گۇاڭيۈ): 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، «قۇربان تاغا لوڭقىسى» خوتەن سوۋغىسى ساياھەت - مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، مۇتەخەسسىس باھالىغۇچىلار 24 ئەسەرنى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى قىلىپ باھالاپ چىقتى. ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ ئەسەرلەر ئىشلەپچقىرىلىپ، كەسىپلەشتۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە ياردم بېرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 7-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ خوتەندە باشلانغان بولۇپ، تيەنجىن، شىنجاڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن لايىھەلىگۈچىلەر ۋە لايىھەلەش ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلغان. مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى 100دىن ئارتۇق ماھىر تاپشۇرغان ئوقۇش قوراللىرى، كىيىم-كېچەك، ئۆي جاھازىلىرى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300دىن ئارتۇق ئەسەرنى تاپشۇرۇۋالغان. 

  تيەنجىن شەھەرلىك ئىجادىيەت كەسپى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى شۆ يى مۇنداق دەپ بىلدۈردى: مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈملۈك تولۇقلىمىسى. ئىجادىيلىققا باي ساياھەت قول ھۈنەر سوۋغاتلىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى خوتەنگگ كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، خوتەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى