تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىخۇدا شوخلا ئۈزۈش ئىشلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ دېگاڭ، رېن داجى خەۋىرى): يېقىندا، شىخۇ شەھىرىدىكى 54 مىڭ مو يەردە ئۆستۈرۈلگەن شوخلىلارنى ئۈزۈش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى.

  9-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىخۇ شەھىرىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ شوخلا چىقىدىغان جاي شىداگۇ بازىرىدا، ئاپتوماتىك ماڭىدىغان پەمىدۇر ئۈزۈش ماشىنىسى ئېتىز-ئېرىقلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئۈزۈشتىن ئايرىپ قاچىلاشقىچە بولغان بىر يۈرۈش مەشغۇلاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇردى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتوماتىك مېڭىش شەكلىدىكى بىر شوخلا ئۈزۈش ماشىنىسىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت مىقدارى ئىلگىرىكى يۈزگە يېقىن كىشىنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمىگە تەڭ كېلىدىكەن.

  كەنت ئاھالىسى ۋاڭ يۈگاڭ 2015-يىل شىداگۇ كەنتى شىنمىن تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشۇلغان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ 20 مو يېرىنىڭ ھەر موسىنى 560 يۈەنلىك باھا بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئوبوروت قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەمچىلىك قىلدى، ھازىر ئۇنىڭ يەر ھۆددىگە بېرىش، ئىشلەمچىلىك قىلىش ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايدا تەقسىماتىدىن كىرىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىرىمى بولۇپ، كىرىمى بۇرۇنقىنى ئىككى - ئۈچ ھەسسە قاتلىدى.

  شىخۇ شەھىرى شىداگۇ بازىرى شىداگۇ كەنتىدە 5900 مو يەر بولۇپ، يەرلەرنى خېرىدار چاقىرىش شەكلى ئارقىلىق پۈتۈن كەنت بويىچە ئوبوروت قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

   يىل بېشىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى شوخلا قىيامى مەھسۇلاتلىرى شىركىتى بىلەن زاكاس ئىمزالىدى، كارخانا پۈتۈن مۇساپىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ كەنت 1400 مو يەرگە قىيام شوخلىسى تېرىپ، ھەر مو يەردىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىز توننىدىن ئارتۇق ھوسۇل ئالدى. ئىگىلىنىشىچە، شىخۇ شەھىرى جەمئىي 54 مىڭ مو يەرگە شوخلا تېرىغان. شىخۇ شەھىرى ھەر يىلى مۇشۇ مەزگىلدە دېھقانلارغا «يېشىل يول» ئېچىپ بېرىپ، شوخلىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پىششىقلاش زاۋۇتىغا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككىنچى قېتىم قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە پىششىقلاش ئارقىلىق ياۋروپا-ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق جايلارغا ساتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى