تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يەنە خەلققە قولايلىق ئالتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر گاۋ خەن) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ پۈتۈن رايون دائىرىسىدە ئاپتوموبىللارنى تىزىملاپ سېتىش كارخانىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ۋاكالىتەن بېجىرىش، ۋاقىتلىق چېگرىدىن كىرگەن ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكىلىرىنى بېجىرىش، ئىجارىگە بەرگەن ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك قاتناش باشقۇرۇش يېڭى تەدبىرىنى يولغا قويىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى، نومۇر تاختىسىنى باشقۇرۇش، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قاتارلىق بىر قاتار قاتناش باشقۇرۇش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى. 2018- يىلى، شىنجاڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇلازىمەت كۆزنىكىنى بىرىكتۈرۈش، كەسىپ تەرتىپىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئىش بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ھەپتە ئاخىرىدا مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇش، مۇلازىمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، بىر كۆزنەكتە ھەممىنى بېجىرىش، بىر كىنىشكا ئارقىلىقلا بېجىرىش قاتارلىق 20 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەنە، بىر كىنىشكا بىلەن ھەممە ئىمتىھانغا قاتنىشىش، تۈر بويىچە ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىق 10 تۈرلۈك خەلققە قولايلىق، خەلققە پايدىلىق مۇلازىمەت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى