تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شىنجاڭ كۇچا ناھىيەسى «بىڭتاڭشىن» دىن مول ھوسۇل ئالدى

  خەلق تورى خەۋىرى: 9- ئاينىڭ 23- كۈنى، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى، شىنجاڭ كۇچا ناھىيەسى قوشئاۋات بازىرىنىڭ بورىلىق كەنتىدىكى ئالمىزارلىقتا، ئالما شاخلىرى ئالمىلار بىلەن لىق تولدى، كەنت ئاھالىلىرى مول ھوسۇل خۇشاللىقى بىلەن ئۈزۈشكە تەييارلاندى. قوشئاۋات بازىرى بورىلىق كەنتى شىنجاڭ كۇچا ناھىيەسىدىن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان شىمالىي تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ كەنتنىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق بولۇش، قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇشتەك ئەۋزەل كىلىمات شارائىتى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش داۋامىدا يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالما ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يىل بۇ كەنتتىكى 12 ئائىلىلىك باغۋەن ئۆستۈرگەن 1586 مو يەردىكى «بىڭتاڭشىن» سورتلۇق ئالمىسى پات ئارىدا يىغىۋېلىنىدىغان بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 300 توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن، ھازىر بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، شەندۇڭلۇق سودىگەرلەر مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىن زاكاس بېرىپ سېتىۋالغان بولۇپ، باغۋەنلەرگە 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي كىرىم ئېلىپ كېلىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى