تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى] شىنجاڭ نىلقا ناھىيەسى : مەھەللە كومىتېتىدىن تاغلىق رايونلارغىچە تۇغقاندارچىلىق مېھرى تولۇپ تاشتى

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەر بىنالىرىدىن تاغلىق رايوندىكى كىگىز ئۆيلەرگىچە ھەممە يەرنى قاپلىدى.

  نىلقا ناھىيەسى ئۇزەن بازىرى شياۋكاڭ كەنتى ئاھالىسى قۇربان ھەسەن مۇنداق دېدى :«ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنىڭ مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن بەك تەسىرلەندىم، شۇنچە كۆپ پارتىيەلىك كادىرلار بىزگە كۆڭۈل بۆلۈۋېتىپتۇ، ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدىم».

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە ئۇلار بىلەن تۇرمۇشى توغرىسىدا پاراڭلاشماقتا.

نىلقا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىرى غالىپ خەمىت (سولدىن 1-كىشى) قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئىشلىمەكتە.

پارتىيە ئەزاسى ساھىبجامال قېيۇم (ئوڭدا) ئاغرىپ قالغان مايشىكەر ھېسام چوڭ ئانىنى يوقلىماقتا.

نىلقا ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرىگە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.

نىلقا ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كادىرى تاڭ باڭيوڭ (ئوڭدىن 2-كىشى) قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىلەن پاراڭلاشماقتا.

  «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىىسىدىن تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى