تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەيمەن، ئىتتىپاقلىقنى سۆزلەيمەن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن

سودا - سانائەت بانكىسى قەشقەر شۆبە بانكىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ئابدۇراخمان يولۋاس

مەن قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم، يۇرتۇمغا چوڭقۇر مۇھەببىتىم بار. ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمنى ئەسلەپ شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىدىن ئايرىلمىغان، پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى، يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلمىغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، مەنمۇ شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكىدەك گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ غېمىنى يېدى، باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى. ئىلگىرىكى كىيىم - كېچەك، ئاشلىق كەمچىل بولۇشتىن ھازىرقى كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان بولغىچە، كېسەك ئۆي، پاتقاق يولدىن ھازىرقى ئەمىن ئۆي ۋە ھەممە كەنتلەرگە تۇتاشقان ئاسفالت يولغىچە، كېسەل كۆرسىتەلمەسلىكتىن ھازىرقى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش قاتارلىقلارغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما پارتىيەنىڭ نۇرغۇن ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىلەنمەكتە. ھەر مىللەت ئامما ئېشەك ھارۋىسى، ۋېلىسىپىت بىلەن خوشلىشىپ، توكسىكلىت، موتوسىكلىت ھەتتا پىكاپ سېتىۋالدى، ئالاقىلىشىشكە قولايلىق يان تېلېفون ئىشلىتىدىغان بولدى، يىراق سەپەرگە چىققاندا ئاپتوموبىل، پويىز ۋە ئايروپىلاننى تاللاپ ئولتۇرىدىغان بولدى، ئاشلىق تېرىسا، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا يەنە دۆلەتنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان بولدى. بۇنداق گۈزەل - باياشات، تىنچ - خاتىرجەم بەختلىك تۇرمۇشتىن بىز ھەقىقىي بەھرىمەن بولدۇق.

مۇنداق بىر ماقال بار: «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما، سەپەرگە چىققاندا يول ياسىغۇچىنى ئۇنتۇما.» بىزگە مىسلىسىز ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بىز قانداق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك؟ بىز يۇقىرى ئاۋازدا «ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە رەھمەت» دەپلا قالماستىن، يەنە دۆلەت قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرالاردىن بولۇپ، ئائىلىگە، جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىپ، پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئۆزۈمنىڭ سۆز - ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقىم ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالىتىم بىلەن جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپەمنى قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى