تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قوزغىتىشقا بولىدىغانلىكى بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

كىشىلەر قەلبى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئورتاق تونۇش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى توپلاشقا موھتاج، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە موھتاج.

«يېڭى دەۋر شارائىتىدا، بىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز دەيدىكەنمىز، جەزمەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغانلىكى بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىشىمىز كېرەك.» مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىشنى تەكىتلەپ، يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئەڭ چوڭ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئورتاق تونۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغاندىلا، تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش، داۋاندىن ئېشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئۈچۈن بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق سىياسىي كېڭىشى ئۈنۈملۈك خىزمەتلەر ئارقىلىق، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان ۋە كۈچەيتىدىغان مۇھىم بازىغا، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىللىك زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، تەربىيەلەيدىغان، يېتەكلەيدىغان مۇھىم سۇپىغا، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساستا زىددىيەتلەرنى پەسەيتىدىغان، تۈگىتىدىغان ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم يولغا ئايلىنىشى كېرەك. خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ «مۇھىم بازا» «مۇھىم سۇپا» «مۇھىم يول»لۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئېقىم مەسىلىلىرى سىياسىتىنى ئۆگىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى ۋە بىرلىك سەپ تارىخى، خەلق سىياسىي كېڭىشى تارىخىنى ئۆگىنىپ، توغرا تارىخ قارىشى ۋە چوڭ ۋەزىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىگەندىلا، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

قوزغىتىشقا بولىدىغانلىكى بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىشتا، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ يەردىكى ئاچقۇچ بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا. بىردەكلىك ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنىڭ بىردەكلىكى، كۆپ خىللىق مەنپەئەتنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكى، ئىدىيەنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىش داۋامىدا بىردەكلىك ئۈستىدە ئىزدىنىش، «ھەممىنى ئوخشاش» قىلىپ قويماسلىق كېرەك. بىرلىك سەپنىڭ ئىچكى ئىدىيەۋى ھەرىكەت ھالىتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، بىر قىسىم سەزگۈر نۇقتا، خەۋپلىك نۇقتا، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىلاردا ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش بىلەن دائىملىق ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى بىرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، پەرقلەرنى تۈگىتىپ، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئىدىيەدە ئورتاق ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

قوزغىتىشقا بولىدىغانلىكى بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىشتا، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئاكتىپ كۈچلەرنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ. خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىنى يۈرگۈزىدىغان مۇھىم سىياسىي شەكىل ۋە تەشكىلىي شەكىللىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ئۆز پارتىيە - گۇرۇھى نامىدا سىياسىي كېڭەشتە پىكىر بايان قىلىشى، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەققىدە مېخانىزم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش كېرەك. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ئەزالارنى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاشقا يېتەكلەپ، تەيۋەن ئارىلىدىكى ئالاقىدار پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كېڭەيتىپ، چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرىنى سىياسىي كېڭەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، تاشقى ئالاقىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك.

«كاتتا بىنا بىر تال ياغاچ بىلەنلا پۈتمەيدۇ؛ دېڭىزنىڭ چەكسىزلىكى بىر ئېقىننىڭ قوشۇلۇشى بىلەنلا ھاسىل بولمايدۇ.» بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغانلىكى بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردە ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن جۇڭخۇا غايەت زور پاراخوتى چوقۇم دولقۇن يېرىپ پۇختا سۈرئەت بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىپ، ئۈمىدكە تولغان پارلاق كەلگۈسىگە ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى