تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

توقسۇ ناھىيەسى چۆللۈكتە ئورمان بىنا قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليەن شۆتىڭ): شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى تاشئېرىق بازىرى قوشئېرىق كەنتى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان، بۇ يەردە قۇم-بوران كۈچلۈك بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزەتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ كەنت ئىھاتە ئورمان بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىدى. 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرلار بۇ ئىھاتە ئورماننىڭ بۈك-باراقسان ئاينىپ، دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆردى. 

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى چۆللۈكتە ئورمان بىنا قىلىشنى سىجىل ئىگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئارقىلىق، ئورمانچىلىق ئىستىراھەت ساياھىتى بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا-قىشلاق ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان باغچا شەھەر ئورنىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەھەر فۇنكىسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر ئالاھىدىلىكىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرنىڭ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈردى.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۆگەن دەريا ۋادىسى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا ئاساسەن، توقسۇ ناھىيەسى 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە 167 مىڭ 900 مو ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى تاماملاشنى پىلانلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلىش كۆلىمى 37 مىڭ 400 مو، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆلىمى 130 مىڭ 500 مو ئىكەن. ھازىرغا قەدەر 216 مىڭ 700 مو يەردە ئورمان بىنا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 76 مىڭ 700 مو يەرگە سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىنغان، 140 مىڭ مو يەرنىڭ ئېكولوگىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى %130 تاماملانغان. 2015-يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشتىن بۈگۈنگە قەدەر، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ئومۇمىي كۆلىمى 78 مىڭ مو بولۇپ، مەركەز مالىيەسدىن 118 مىليون يۈەن تولۇقلىما بېرىش ئىلتىماس قىلىنىپ، 6500دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىگە نەپ يەتكۈزۈلگەن. نۆۋەتتە توقسۇ ناھىيەسىنىڭ باغ-ئورمان كۆلىمى 400 مىڭ مو بولۇپ، دېھقانلارنىڭ باغ-ئورمانچىلىق كىرىمى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمىنىڭ %30تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى