يازدا، ھەر خىل باكتېرىيە ۋە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كۆپىيىشى تېزلىشىپ، يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. قانداق قىلغاندا يېمەكلىكنى ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ؟
قوغۇن-تاۋۇز ۋە چەيزە تۈرىدىكىلەر
قوغۇن-تاۋۇز تۈرىدىكىلەرنى سەي-كۆكتاتقا ئوخشاش ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ساقلاشقا بولىدۇ، قۇرغاق، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان يەردە قويۇپ قويسىمۇ بولىدۇ، توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاش ھاجەتسىز.
تىرىك بېلىق
يازدا تىرىك بېلىق ئالغاندا، قول بىلەن بېلىقنىڭ ئىككى قوۋۇزىنى كۆتۈرۈپ، قىچا مېيى ياكى كۈنجۈت مېيى سۈرۈپ قويغاندا، بېلىقنىڭ ياشاش ۋاقتىنى بىر كۈندىن ئىككى كۈنگىچە ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
موگو تۈرىدىكىلەر
موگو تۈرىدىكىلەرنى ئاسان بۇزۇلۇپ كەتمەيدىغان قاتتىق قەغەز ئىچىگە سېلىپ، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىغا قويغاندا، قۇرغاقلىقىنى ساقلاپ، ئاسان بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ.
خام گۆش
خام گۆشنى توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا سېلىشتىن بۇرۇن، بىر قېتىمدا ئىشلىتىدىغان مىقدارىغا ئاساسەن بىر قانچىگە پارچىلاپ، يېڭى ساقلاش خالتىسىغا سېلىپ، ئاندىن توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا سالغاندا كېلەر قېتىملىق ئىشلىتىشكە قولايلىق بولىدۇ.
ئۆي قۇشلىرى
ئۆي قۇشلىرىنى ئاۋۋال ئىچ قارنىنى پاكىز تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، سوغۇق ساقلاش كېرەك.
مېۋە-چىۋە
كۆپ قىسىم مېۋىلەرنى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن بىر قىسىم ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى، مەسىلەن: شاڭجىياۋ، ماڭگو، بولۇ قاتارلىقلار توڭلاتقۇغا سېلىشقا ماس كەلمەيدۇ.
يېڭى راك
دەريا راكى ياكى دېڭىز راكىنى توڭلاتقۇغا سېلىشتىن بۇرۇن سۇدا پاكىز يۇيۇپ، مېتال قاچىغا سېلىپ، سوغۇق سۇ قويۇپ، سۇغا چىلاپ ئاندىن توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا قويۇش كېرەك.
كۆكتات تۈرىدىكىلەر
يېشىل كۆكتاتلارنى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ، ئاغزىنى ھىم ئىتىپ ياكى يېڭى ساقلاش قاچىسىغا سېلىپ سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىغا قويسا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى بولغان يېڭى ساقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى