تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سېمىزلىكنىڭ سەككىز چوڭ خەتىرى

سېمىزلىكنىڭ سەككىز چوڭ خەتىرىدىن سىز قايسىلارنى بىلىسىز؟

نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش

سېمىز كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياغ كېكىردەككە يىغىلسا، نەپەس يولى توسۇلۇپ قېلىپ، نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قالىدۇ. ئەڭ ئېغىر بولغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ، ئۈچ-تۆت مىنۇتچە داۋاملىشىدۇ، ئەگەر چوڭ مېڭىگە ئېغىر ئوكسىگېن يېتىشمىسە، ھەر ۋاقىت ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.

يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىش

سېمىز كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، سېمىز كىشىلەرنىڭ قېنىدا ماي كۆپ بولغاچقا، يۈرەك بەرداشلىق بېرەلمەي، يەنى ئۈنۈملۈك ھالدا قان چىقىرالمايدۇ ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىدۇ..

ئۆسمە ئۆسۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى

سېمىزلىك كۆپ خىل ئۆسمە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاشقازان ئۆسمىسى، ئاياللار كېسەللىكلىرى ئۆسمىسى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ئۆسمىسى، سۈت بېزى ئۆسمىسى قاتارلىقلارنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ھامىلىدار بولالماسلىق

سېمىزلىك ئاياللارنى چىرايلىق بەدەن ھالىتىدىن مەھرۇم قىلىپلا قالماستىن، يەنە بەدەندە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن: مېتابولىزم توسالغۇسى، ھەيز قاتارلىقلار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۇغۇت ئىقتىدارىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بىر قىسىم سېمىز ئاياللاردا ھامىلىدار بولالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ئۈچ يۇقىرى بولۇش

تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي كۆپ بولۇش، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، قاندا ماي كۆپ بولۇش كېسىلى ئارتېرىيە دىۋارى قېتىپ تارىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك ۋە مېڭە تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىدىكەن.

ھەرىكەت سىستېمىسى كېسەللىكى

بەدەن ئېغىرلىقىدىن كەلگەن بېسىم سۆڭەك ۋە بوغۇمغا نىسبەتەن بىر خىل يۈك ھېسابلىنىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بوغۇم ياللۇغى پەيدا بولىدۇ، مۇسكۇللار زەخمىلىنىدۇ، ھەتتا بوغۇملارنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، ھەرىكەت قىلىشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

تېرىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك

زىيادە سېمىزلىكنىڭ زىيىنى ھەممە يەردە بار بولۇپ، ئېغىر ئەھۋالدا تېرىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېرە پۈرمىسى قارىداپ، ئوكسىگېن يېتىشمەي مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە توخۇ ئەت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

پىسىخىكىلىق توسالغۇ

سېمىز كىشىلەردە ئاسانلا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسىخىكىسى ۋە ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى، تەشۋىشلىنىش، ھەتتا بىر قاتار پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى