9-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ئارشاڭ مەكتەپ رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ياڭرىدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى كەسپىي قوشۇن تەشكىللەپ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ئارشاڭ مەكتەپ رايونىغا بېرىپ، «9.18 سىگنالى چېلىش كۈنى خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى تەشۋىقاتنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. تەشۋىق ـ تەربىيە فىلىمى قويۇش، بىلىم لېكسىيەسى سۆزلەش، تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، ئاپەتتىن ساقلىنىپ زىياننى ئازايتىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ماھارىتى كۆرسىتىش، ھېس قىلىشقا تەشكىللەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلق ھاۋا مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇلدى.
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ئارشاڭ مەكتەپ رايونى مەيدانىدا، ئوقۇغۇچىلار خەلق ھاۋا مۇداپىئە تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ئالماقتا.
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ سىفەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يۈرەك-ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆگەنمەكتە.
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ئوقۇغۇچىلىرى زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش، خىمىيەۋى قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش جابدۇقلىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگەنمەكتە.
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، لەنتيەن قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر ئوقۇغۇچىلارغا جىددىي ئەھۋالدا قانداق قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشنى چۈشەندۈرمەكتە.