تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈلجەننەت: يەسلىدىكى خۇش پېئىل مۇئەللىم

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جېڭ جو، سۈي يۈنيەن

8- ئاينىڭ 30- كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزىسىدىكى يۈمياۋ يەسلىسى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تىزىمغا ئالدۇرۇش كۈنىنى كۈتۈۋالدى، يەسلىنىڭ تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىسى گۈلجەننەت بالدۇرلا دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ بالىلارنى كۈتۈۋالدى.

يەسلىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش كۈنىدە كونكرېت دەرس ۋە پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولۇپ، كىچىك دوستلار سائەت 11دىن ئاشقاندىلا ئۆيىگە قايتسا بولاتتى. گۈلجەننەت ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەربىر سىنىپنى كۆڭۈل قويۇپ تازىلاپ رەتلىدى. «بۇ بىرقانچە كۈندە يەسلى رايونىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، چاڭ - توزان سەل كۆپ، كىچىك دوستلارنىڭ ئۈستەل - ئورۇندۇقلىرىنى چوقۇم پاكىز سۈرتمىسەك بولمايدۇ.» گۈلجەننەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يەسلىگە كېلىپ بالىلار بىلەن بىللە بولغاندىن بۇيان، ھەربىر كۈننى ھەم مەزمۇنلۇق، ھەم خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋاتىمەن، مەن ئىلگىرىكى خۇشال، ئىشەنچكە تولغان ئۆزۈمنى تېپىۋالدىم.

 يەسلىدە مەنىلىك خىزمەت ئىشلەش

23 ياشلىق گۈلجەننەت شورباغ يېزىسى ئاياغ ئاچچىيۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ھازىر ئۇ بەكلا خۇش پېئىل بولۇپ كەتتى، مەيلى كىمنى ئۇچراتسۇن چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇ كەنت ۋە يەسلىدە باشقىلارنىڭ ئالاھىدە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تىزىمغا ئالدۇرۇش كۈنىدە، بەش - ئالتە ياشلىق كىچىك دوستلار پات - پات يۈگۈرۈپ كېلىپ، گۈلجەننەتنى قۇچاقلاپ قويۇۋەتمەيتتى. گۈلجەننەت ئېگىلىپ تۇرۇپ بالىلارنىڭ پېشانىسىگە يېنىك سۆيۈپ، بالىلارنىڭ كىچىك قوللىرىدىن يېتىلەپ دەرۋازىدىن كىرەتتى.

گۈلجەننەت ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دا يەسلى دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىپ كىچىك دوستلارنى دەرسكە ئېلىپ كىرەتتى. «ھەربىر سىنىپتا ئۈچ ئوقۇتقۇچى بار، مەن باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈشىگە ماسلىشىمەن، يەنە بالىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مەسئۇل بولىمەن.» گۈلجەننەت مۇنداق دېدى: يەسلىدە كۈنىگە ئۈچ ۋاق تاماق بېرىلىدۇ، ناشتىدا ئىككى - ئۈچ خىل پېچىنە، چۈشلۈك تاماقتا توخۇ قوردىقى، پولۇ بار. بالىلار چۈشتە بىر يېرىم سائەت ئۇخلاپ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئويۇن ئويناپ بولغاندىن كېيىن، چۈشتىن كېيىن سائەت 6دە يەنە پېچىنە - پىرەنىك ۋە مېۋە تارقىتىپ بېرىمىز.

يەسلىدىكى ھەربىر سىنىپتا 30 نەچچە بالا بار بولۇپ، گۈلجەننەت كىچىك دوستلارنىڭ يەپ - ئىچىشىدىن تارتىپ ھەممە ئىشىغىچە غەم يەيدۇ. كىچىك دوستلارنىڭ بەزىلىرى ئۆيگە كېتىمەن دەپ، بەزىلىرى ئۇسساپ كەتتىم سۇ ئىچىمەن دەپ، بەزىلىرى تەرەت قىلىمەن دەپ غەلۋە قىلىدۇ، شۇڭا گۈلجەننەت بەكلا ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇ بۇ كۈنلىرىنى تولىمۇ مەنىلىك ھېس قىلىدۇ.

«گۈلجەننەت خىزمەتنى بەكلا بېرىلىپ ئىشلەيدۇ، بالىلارغىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. يەسلىدە ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى كۆرسىتىلمەكچى بولسا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن توردىن ئويۇن قويۇش كىيىمى سېتىۋېلىشقا ياردەملىشىدۇ.» يۈمياۋ يەسلىسىنىڭ يەسلى باشلىقى ۋېي جۈەن مۇنداق دېدى: يەسلىدىكى چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى گۈلجەننەت ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قىلىدۇ، كۆپچىلىكمۇ ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ.

 ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇشتىن چېكىنگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىش

«ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇشتىن توختاپ قالمىغان بولسام، ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ بولغان بولاتتىم.» ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىر گۈلجەننەت بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پېشايۋان ئاستىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىدىكى سۈرەتلىرىنى كۆردى، ئۇنىڭ گەپلىرى ئەپسۇسلىنىش ھېسسىياتىغا تولغانىدى.

گۈلجەننەتنىڭ كىچىكىدىنلا ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا، ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلىنەتتى. كېيىن ئۇ رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپىغا ئۆتتى، 2012 - يىلى يەنە پۈتۈن يېزا بويىچە ئىككىنچى بولۇشتەك نەتىجە بىلەن بېيجىڭدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتتى.

قىزىنىڭ بۇنداق ئەلا ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ، دادىسى ھېمىتنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى. «رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپىدا ئوقۇۋاتقاندا، دادام 1000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلەپ، ماڭا بىر ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت ئېلىپ بەردى.» گۈلجەننەت بۇنىڭ ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا خېلى كۆپ چىقىم ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. «دادامنىڭ ئارزۇسى مېنىڭ داشۆگە ئۆتۈپ، چوڭ شەھەرلەردە ياخشى خىزمەت تېپىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشۈمنى كۆرۈش ئىدى» دېدى گۈلجەننەت.

بىراق، گۈلجەننەت كېيىن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، دادىسىنىڭ ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلاندى.

2013- يىلى يازلىق تەتىلدە، گۈلجەننەت كەنتكە قايتىپ كېلىپ، بالىلىق چاغلىرىدىكى نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ توي قىلغانلىقىنى، يەنە قارا نىقابلىق كىيىم كىيىۋالغانلىقىنى بايقىدى. بەزىلەر گۈلجەننەتكە: قىز بالا دېگەن ئۆيدىن بەك يىراققا كەتسە بولمايدۇ، سىرتقا چىقىپ ئوقۇش تېخىمۇ ياخشى ئەمەس، بالدۇرراق ياتلىق بولۇپ، سىرتقا ئاز چىقىش كېرەك، دېدى.

«ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا بارغاندىن كېيىن، مەن ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.» گۈلجەننەت مۇنداق دېدى: ئوقۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىمغا ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ تەسىرى قوشۇلۇپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇشتىن چېكىنىشنى قارار قىلدىم.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەسىھەتى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى گۈلجەننەتنىڭ ئەسلا قۇلىقىغا كىرمىدى. «مەن خۇددى ئەقلىمدىن ئازغاندەك مەكتەپتىن چېكىنىش، ئۆيگە قايتىش، ياتلىق بولۇشنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالغانىدىم.» گۈلجەننەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئوقۇشتىن چېكىنگەندىن كېيىن، دادام ماڭا توپتوغرا بىر ھەپتە گەپ قىلمىدى.

2014- يىلى گۈلجەننەت توي قىلدى. 2017- يىلى دادىسى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى، قايغۇ - ھەسرەتتە قالغان گۈلجەننەت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى ئۈستىدە قايتا ئەستايىدىل ئويلىنىشقا باشلىدى.

«دادام مېنىڭ ئۆگىنىشتە ئۇتۇق قازىنىشىمنى ئۈمىد قىلاتتى، مەن ئۇنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدۇم. مەن مەكتەپكە يېڭىباشتىن قايتىپ بېرىپ، ئەسلىدىكى ئۆزۈمنى تېپىۋېلىشنى ئويلىدىم.» گۈلجەننەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىردى.

مەكتەپتە گۈلجەننەت ئىلگىرى تاشلىۋەتكەن كىتابلىرىنى قولىغا قايتىدىن ئېلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن ۋە كەسپىي ماھارەتنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى.

 ئەسلىدىكى ئۆزىنى تېپىۋېلىشقا تولۇق ئىشەنچ باغلاش

مەنىلىك مەكتەپ تۇرمۇشى گۈلجەننەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كەلتۈردى، ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، ئۇ شورباغ يېزىلىق يۈمياۋ يەسلىسىگە كېلىپ خىزمەتكە چۈشتى.

خىزمەتكە چۈشكەن تۇنجى كۈنىدىكى مەنزىرە گۈلجەننەتنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە. يەسلى ئۈچ قەۋەتلىك بىنا بولۇپ، سىرتقى تېمى ئوچۇق سېرىق رەڭدە، سىنىپنىڭ ئىچى ئازادە، يورۇق، ئۈستەل - ئورۇندۇقلار پاكىز، رەتلىك ئىدى، بالىلار كىچىك ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ بالىلار ناخشىسى ئۆگىنىۋاتاتتى. بالىلارنىڭ شاد - خۇراملىق ۋە بەخت جىلۋە قىلىپ تۇرغان چىرايىنى كۆرگەن گۈلجەننەت ئانىلىق سۈپىتى بىلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، بۇ سەبىيلەرنى قوغداپ، ئۇلارغا چاڭ - توزان قوندۇرماسلىققا ئىرادە باغلىدى.

گۈلجەننەتنىڭ ئۆيى يەسلىدىن پەقەت نەچچە يۈز مېتىرلا يىراقلىقتا بولۇپ، ھويلىسىغا ھەر خىل گۈللەر تېرىلغان، دەرۋازىدىن كىرگەندىكى ئۇزۇن كارىدورغا ئۈزۈم تاللىرى ياماشقان، پۈتۈن ھويلا ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

ھەر كۈنى گۈلجەننەت ئاپىسى بىلەن بىللە ھويلىنىڭ ئىچى - تېشىنى پاكىز تازىلايدۇ. «ئاپام ئىشىك ئالدىدا كىچىك تاللا بازىرى ئاچتى، تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە يېمەك - ئىچمەكلەرنى ساتىدۇ.» گۈلجەننەت مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرى ھەمىشە بالىلىرىنى ئېلىپ مال سېتىۋالغىلى دۇكىنىمىزغا كېلىدۇ، مەن بالىلارنى كۆرسەملا خۇش بولۇپ كېتىمەن، ئۇلار بىلەن ئويۇن ئوينايمەن، بالىلار ناخشىسى ئېيتىمەن، ھويلىمىز تېخىمۇ قىزىپ كېتىدۇ.

ئاپىسى ھەبىبە گۈلجەننەتتە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ تۇردى. «ئىلگىرى قىزىمنىڭ ئۆز ئىستىقبالىنى نابۇت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، دادىسى بىلەن ئىككىمىز بەكلا بىئارام بولغانىدۇق. ھازىر ئوخشىمايدۇ، قىزىم ھەر كۈنى خۇشال - خۇرام ئىشقا بارىدۇ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنى ئوينىتىدۇ، ئۆزىمۇ روھلۇق بولۇپ كەتتى» دېدى ھەبىبە خۇشال ھالدا.

گۈلجەننەتنىڭ يەنە بىر يېڭى پىلانى بار، ئۇ بوغالتىرلىقنى ئۆگەنمەكچى بولدى. «ئېرىم قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى، خوتەن شەھىرىدە بەزى كىچىك قۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە ئالغان، ئىشى ناھايىتى ئالدىراش، مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمەن، تاللا بازىرىمىزمۇ ئېنىق ھېسابات قىلىشقا موھتاج.» گۈلجەننەت مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويۇپ، كۈنلىرىم نادانلىق ئىچىدە ئۆتكەنىدى، تۇغقانلىرىمنىڭ كۆڭلىگىمۇ ئازار بەرگەنىدىم، يېڭىباشتىن دەرسخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندىم. ھازىر مەيلى تۇرمۇش ياكى خىزمەتتە بولسۇن، ئىشەنچكە تولدۇم، كۈچكە تولدۇم، ئۈمىدكە تولدۇم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى