تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

باغراش ناھىيەسىنىڭ كەسىپ تاشيولى دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىغا ئايلاندى

تاشيولنى كەسىپنى چۆرىدەپ ياساش    كەسىپنى تاشيولنى چۆرىدەپ يۈرۈشتۈرۈش

باغراش ناھىيەسىنىڭ كەسىپ تاشيولى دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىغا ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، پىراكتىكانت جيا فاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 13- كۈنى سەھەر، باغراش ناھىيەسىنىڭ تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى تاۋۇن جۆگۈن كەنتى ئىللىق قۇياش نۇرىدا ئويغاندى، كىشىلەر توكسىكلىتىنى مىنىپ، كەسىپ تاشيولىنى بويلاپ كەنتتىكى جىخۇي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىگە ئىشقا كەلدى، لازىلارنى تاللاپ، پىششىقلاپ، ئالدىراش بىر كۈننى باشلىۋەتتى.

«بۇ كەسىپ تاشيولى بىزنىڭ <بېيىش يولىمىز>، كۆكتاتچىلار يېڭىلا ئۈزگەن كۆكتاتلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا زاۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ، بىز پىششىقلىغاندىن كېيىن يۈك ئاپتوموبىلى ئېلىپ كېتىدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى دۇڭ جىشەن.

دۇڭ جىشەن ئېيتقان «بېيىش يولى» باغراش ناھىيەسىدىكى يېزا كەسىپ تاشيولىنىڭ بىر قىسمى.

باغراش ناھىيەلىك قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋېي گۇاڭخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىدا، يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «تاشيولنى كەسىپنى چۆرىدەپ ياساش، كەسىپنى تاشيولنى چۆرىدەپ يۈرۈشتۈرۈش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، 280 كىلومېتىردىن ئارتۇق يېزا كەسىپ تاشيولىنى ياسىدى.

كەسىپ تاشيولى يول بويىدا ھاراق چىقىرىدىغان ئۈزۈم، پىگمېنتلىق لازا، شوخلا قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپ تېرىقچىلىق رايونىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى، نۆۋەتتە بۇلارنىڭ كۆلىمى 100 مىڭ مودىن ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلان جېكسېن يېزىسىنىڭ مەرۋايىت گۈرۈچى، بۇمبۇت بازىرىنىڭ ئورگانىك كۆكتاتلىرىنى تايانچ قىلغان بىر تۈركۈم داڭلىق يېزا خاس كەسىپلەر رايونى تەدرىجىي شەكىللەندى.

«كەسىپ تاشيولى راۋانلاشتى، كەنتتە لازا تېرىش كۆلىمى كېڭەيدى، ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى 1000 موغىمۇ يەتمەسلىكتىن بۇ يىل 7600 مودىن ئېشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى» دېدى چاغاننۇر يېزىسى دۇندابۇخ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئۆمەر توختى.

قولايلىق قاتناش ھەم كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنى باغراش ناھىيەسىگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، خاس تېرىقچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 2018- يىلى دۇڭ جىشەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، مەھسۇلاتى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بازارلارغا سېتىلدى، «بۇ يىل بىز يەنە 4 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت بىناسىنى كېڭەيتىپ سالدۇق، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدۇق، كۈندىلىك پىششىقلاش ئىقتىدارىمىز بىر ھەسسە ئاشتى».

باغراش يېزىسىنىڭ كۇدەيلىك كەنتىگە جايلاشقان باغراش ناھىيەسى سانائەت رايونىنىڭ يوللىرى تۈز ھەم كەڭرى ئىدى. يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ زاۋۇت رايونىغا راۋان كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، باغراش ناھىيەسى خۇڭخېفېڭ شوخلا مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈ فۇلىن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى يوللار ياخشى ئەمەس ئىدى، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ كىرىپ چىقىشى قولايسىز بولغاچقا ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يەتكەنىدى. بۇ يىل ئىشىك ئالدىدىكى يوللار ياخشىلانغاندىن كېيىن، يۈك ئاپتوموبىللىرى خام ئەشيالارنى توشۇپ بىۋاسىتە زاۋۇت ئىچىگە ئەكىرەلەيدىغان بولدى. كېلەر يىلى بىز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلار تېرىغان شوخلىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىشنى پىلانلىدۇق».

«كەسىپ تاشيولى خاس تېرىقچىلىق رايونى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتى، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى، سانائەت باغچە رايونى قاتارلىقلارنى تۇتاشتۇرۇپ، باغراش ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى ۋاسىتىگە ئايلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن باغراش ناھىيەسى كەسىپ تاشيولى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زورايتىپ، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى باغراش ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى مىڭجىر

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى