تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، ئىش بولسا كېڭىشىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك كېڭىشىش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقىنى تېپىپ چىقىش خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ چىن مەنىسى.

«خەلق سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش داۋامىدا كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ھەم تارىخىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھەم دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ ئىشلارنى كۆپرەك كېڭىشىش، ئىشلارغا يولۇقسا كۆپرەك كېڭىشىش، ئىش قىلىشتا كۆپرەك كېڭىشىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.» مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشتىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز، خەلق دېموكراتىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىزنى ئىدىيەۋى مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

كېڭىشىش دېموكراتىيەسى پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆزىگە - ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم تۈزۈم لايىھەسى بولۇپ، سايلام دېموكراتىيەسى بىلەن بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر - بىرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە سىياسىيسىنىڭ خاس شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى. خەلق سىياسىي كېڭەش بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى كېڭىشىش ئاپپاراتى، خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم ئىشقا ئاشۇرۇلۇش شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك.

«ھەقىقىي چىن دوست خاتالىقىڭنى يۈزتۇرا تەنقىد قىلالايدۇ.» پىكىر ئاڭلاش، پىكىرنى ئاڭلاشقا جۈرئەت قىلىش، بولۇپمۇ تەنقىدنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش − ئىشەنچ بولۇش، كۈچ بولۇشنىڭ ئىپادىسى. سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئىتتىپاقلىشىش - تەنقىد قىلىش - ئىتتىپاقلىشىش» ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پىكىرگە كەڭ يول ئېچىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئىدىيە، كۆزقاراشنىڭ تولۇق ئىپادىلىنىشى ۋە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر كېڭىشىش، باشقىلارغا زورلاپ تاڭماسلىق، قائىدىگە ئەمەل قىلىش، تەرتىپلىك كېڭىشىش، ھەركىم ئۆز گېپىنى قىلىپ تۇرۇۋالماسلىق، چۈشىنىش، كەڭ قورساق بولۇش، سەمىمىي كېڭىشىش، ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، تەرسالىق قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ - كۇشادە سۆزلىشىدىغان، ھەركىم ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان، ھەم ئىدراكىي ئۆلچەم بولغان، قانۇنغا ئۇيغۇن، نىزامنامىگە ئاساسلىنىدىغان ياخشى كېڭىشىش كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەر خىل پىكىر ۋە تەنقىدكە قارىتا، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرلىرىدە چىڭ تۇرغانلا بولسا، كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىشىگە يول قويۇشىمىز، قۇلاققا ياقمىسىمۇ، ئۆتكۈررەك بولسىمۇ، بىز كەمچىلىك ۋە خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسىنى قوللىنىپ، بار بولسا تۈزىتىشىمىز، يوق بولسا ساقلىنىشىمىز كېرەك.

تۈزۈم پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، مۇقىم خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلە. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولۇش، كۆپ قاتلاملىشىش، تۈزۈملىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك»، بۇ، يېڭى دەۋردىكى سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي يولى. خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، تۈزۈم - مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتكومنىڭ ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش بىلەن بىرلىكتە يىللىق كېڭىشىش پىلانى تۈزۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىشنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى ۋە تەدبىرنى يولغا قويۇش داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىشى ئېنىق بەلگىلەنگەن ئىشلارنى جەزمەن كېڭىشىشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تەدبىر بەلگىلەپ يولغا قويۇشقا تاپشۇرۇش، كېڭىشىشكە قاتنىشىش دائىرىسى، مۇزاكىرە قىلىش پىرىنسىپى، ئاساسىي تەرتىپى، پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكلى قاتارلىقلار ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىدە ئاساسلىنىدىغان تۈزۈم بولۇش، رىئايە قىلىدىغان نىزام بولۇش، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇش، رىئايە قىلىدىغان تەرتىپ بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ماركس، ئېنگېلس مۇنداق دېگەن: «دېموكراتىيە دېگەن نېمە؟ ئۇ جەزمەن بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك، بولمىسا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا ھەممە مەسىلە دېموكراتىيەنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى بېكىتىشتە.» دېموكراتىك سىياسىينى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ شەكلى مول، رەڭدار بولۇپ، ئۆلۈك ئەندىزىگە ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە دېموكراتىيەنى جۇڭگودا يولغا قويۇشقا بولىدۇ، ناھايىتى ئەسقاتىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، خەلق سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرغاندىلا، خەلق سىياسىي كېڭەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمەت تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلىتىمىز ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى