تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

فۇجيەن ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

چېن چۈەنگو، تاڭ دېڭجيې، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، يۈەن لېي، لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى تاڭ دېڭجيې فۇجيەن ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

9- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون فۇجيەن ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۈرۈمچىدە خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن فۇجيەن ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەنلىكى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەن خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېخانىزمى جانلىق، كەسىپلىرى ئەلا، خەلقى باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل بولغان يېڭى فۇجيەن قۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بىز چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىشتا سالماقنى ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىدا ئوبراز تىكلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قەدەم بىلەن قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، ھەرمىللەت خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ساقلايدۇ. شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ.

تاڭ دېڭجيې ئالدى بىلەن فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى فۇجيەن قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈملەرنى تونۇشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان فۇجيەننىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، كۆيۈنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىلللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك نىشانلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا نىشانلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىجىل ھالدا كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەردە كۈچەشكە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خاس ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، فۇجيەن ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرىگە ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى قاتارلىق جايلىرىغا بېرىپ، شەھەر - بازار، يېزا - كەنت، كەسىپلەر باغچە رايونى، مەدەنىيەت مەيدان - سارىيى، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جېڭ جيەنمىن يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى