تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ھەم قالپىقى چۆرۈپ تاشلىنىدىغان 12 نامرات ناھىيەنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ھەم قالپىقى چۆرۈپ تاشلىنىدىغان 12 نامرات ناھىيەنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، قالپىقى چۆرۈپ تاشلىنىدىغان نامرات ناھىيەلەرنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا قالپىقى چۆرۈپ تاشلىنىدىغان 12 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نەق مەيداندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا دائىر 36 تۈر سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە 12 ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ساقلانغان مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بۇ يىل 12 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. بىرىنچى، ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چىدامچانلىق، ئىرادىنى ساقلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىش كېرەك. ئىككىنچى، ھەقىقىي تۈردە نىشان - ئۆلچەمنى چىڭىتىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ مۇتلەق نامراتلىقنى ھەل قىلىپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك؛ ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ھەقىقىي تۈردە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش كېرەك. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، تەدبىر - چارىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، چېكىندۈرۈش تەرتىپى ۋە ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەشىنچى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ھەقىقىي قوزغىتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقىل جەھەتتە يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت تەشۋىقاتى، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، نامرات ئاممىنى ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. 2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك. يەتتىنچى، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇش، قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈش، قاتلاممۇقاتلام مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، قالپىقى چۆرۈپ تاشلىنىدىغان 12 نامرات ناھىيەدىكى پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ كەنتلەرگىچە، ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سەككىزىنچى، زىچ بىرلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن خاتىرجەم جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن پۇختا ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، غانىبات سابۇكەي، جارۇللا ھېسامىدىن، جاۋ چۇڭجيۇ، ۋاڭ مىڭشەن، چېڭ جېنشەن، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.