تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

9- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىدىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ يېڭى جۇشقۇن كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.

 يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىش

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاۋ جيې مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا دېموكراتىك نازارەتنى قوبۇل قىلىپ، تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەكلىپلەرگە «بىر - بىرلەپ جاۋاب قايتۇرۇش، ھەربىر ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى باۋ ئەنمىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسىي كېڭەش ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ سەھنىسى تېخىمۇ كېڭەيدى، مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ زور بولدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، بىز كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

 ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەش

خەلق سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش داۋامىدا كەڭ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ ئىشلارنى كۆپرەك كېڭىشىش، ئىشقا يولۇققاندا كۆپرەك كېڭىشىش، ئىش قىلغاندا كۆپرەك كېڭىشىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئومۇمىي يىغىننى باشلامچى، مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرىدىكى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنىنى مۇھىم نۇقتا، ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى دائىمىي ھالەت قىلغان كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ مۇنداق دېدى: «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش»نى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بىر تۈركۈم چوڭقۇرلۇققا ئىگە، سالمىقى بار كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈردى. بىز بۇ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتتۇق، بۇ، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىشيا مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش ئاياللار بىرلەشمىسى ساھەسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ ئاياللار بىلەن ئالاقە باغلىشىنى مۇھىم يول بىلەن تەمىنلىدى، ئاياللارنىڭ سىياسىيغا كەڭ دائىرىدە، تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى مۇھىم يول بىلەن تەمىنلىدى. ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسى ۋەكىللىك ۋە ئاياللار ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئاياللارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ چۇەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى پارتىيەنىڭ ياشلار بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك، رىشتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىش» پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن پىكىرلىشىش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىش داۋامىدا نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش كاتىپ جاڭ شۈ مۇنداق دېدى: بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرىدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلزات زادە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەخسۇس تەلەپ قويۇلدى، مەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن كەسپىي ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بىر تۈركۈم پىكىر چوڭقۇر، نەزەر دائىرە ئۆزگىچە، قىممىتى يۇقىرى بولغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

شايار ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چىن يەنكې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىمىز. ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولىدۇ.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، يۈەن لېي، ليۇ يى، مېھرىگۈل غوپۇر، جاۋ جىيۈن، مېھرىگۈل ناسىر، شيې خۇيبيەن، جاڭ جىلى، دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىرى ۋاڭ يۈتاڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى