تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

قەد كۆتۈرگەن يانچىلار ناخشا ئېيتتى

«ئېھ قۇياش، ئىللىق نۇرۇڭ چۈشتى ھەريان، ئېھ بۈركۈت، قانات كېرىپ قىلدىڭ پەرۋاز، باھار نۇرى ئېگىزلىكنى يورۇتۇپ تۇرسا، ناخشا ئېيتماي قانداقمۇ تۇرالايمەن. قارا بۇلۇتلار تارقاپ، ئىللىق قۇياش قىلدى جىلۋە، بەخت ناخشىسى تارىلىپ ھەريان، چېھىرلەردە پارلىدى كۈلكە.» زاڭزۇ قېرىنداشلارنىڭ ياڭراق ناخشىسىدا دېموكراتىك ئىسلاھاتتىن كېيىنكى شىزاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى كۈيلەندى.

شىزاڭ قەدىمدىن تارتىپ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەركىزىي ھۆكۈمەت دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، شىزاڭنى تىنچ ئازاد قىلىش فاڭجېنىنى بېكىتتى.

مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شىزاڭنى قوغداش سىياسىتى، دىن تۈزۈمى شىزاڭنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردەم بەردى. شىزاڭنىڭ جەمئىيىتى، ئىقتىسادى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى زور دەرىجىدە يۈكسەلدى.

لېكىن، مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە توختىماستىن قايمۇقتۇردى ۋە قۇتراتتى. 1959- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىزاڭنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلار ئومۇميۈزلۈك قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈردى. 1959- يىلى 3- ئاينىڭ 28- كۈنى، زۇڭلى جوۋ ئېنلەي «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ بۇيرۇقى»نى ئىمزالاپ، «دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىزاڭ ھەربىي رايونىغا توپىلاڭنى تەلتۆكۈس تىنچىتىشنى ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇرغاندىن سىرت، بۈگۈندىن باشلاپ شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋېتىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى تەييارلىق ھەيئىتى شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى ئالاھىدە قارار قىلدۇق» دەپ جاكارلىدى. ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق قىسمى مەركەزنىڭ بۇيرۇقى بويىچە قوراللىق توپىلاڭغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، بۇ قېتىمقى توپىلاڭنى تىنچىتتى.

توپىلاڭنى تىنچىتىشنىڭ غەلىبىسى شىزاڭنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى. دېموكراتىك ئىسلاھاتتىن بۇرۇنقى شىزاڭ جەمئىيىتىدە يانچىدار ۋە يانچىدىن ئىبارەت تۈپتىن قارىمۇقارشى ئىككى سىنىپ بار ئىدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، «ئۈچكە قارشى تۇرۇش» (توپىلاڭغا قارشى تۇرۇش، ئالۋان - ھاشارغا قارشى تۇرۇش، قۇل قىلىشقا قارشى تۇرۇش) «ئىككىنى كېمەيتىش» (ئىجارىنى كېمەيتىش، ئۆسۈمنى كېمەيتىش) ۋە يەرنى تەقسىملەش ئارقىلىق، مىليون يانچى فېئوداللىق كىشەننى چېقىپ تاشلاپ، ئۆز تەقدىرىگە ئىگە بولالايدىغان خوجايىنلارغا ئايلاندى.

دېموكراتىك ئىسلاھات جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلدى، قەد كۆتۈرگەن يانچىلارنىڭ يېرى، كالا - قويلىرى بار بولدى، ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى مىسلىسىز ئاشتى، باشقا تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىمۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى.

2009- يىلى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىدا، ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 28- كۈنىنى شىزاڭدىكى مىليون يانچىنىڭ ئازاد بولغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتىش قارار قىلىندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى