تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى دەۋردىكى خۇاڭخې دەرياسى ئومۇمىي خورىنى ئىجاد قىلىش

يېڭى دەۋردىكى خۇاڭخې دەرياسى ئومۇمىي خورىنى ئىجاد قىلىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرگەنلىكى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى ھەم خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، ما يۆفېڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

خۇاڭخې دەرياسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بۆشۈكى. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، توختىماي ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان خۇاڭخې دەرياسى چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن بىللە جۇڭخۇا مىللىتىنى بېقىپ كەلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى بارلىققا كەلتۈردى.

بىر چاغلاردا، خۇاڭخې دەرياسى تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىش، بولۇپمۇ سۇ ئاپىتى ئېغىر بولۇش سەۋەبىدىن، «ئۈچ يىلدا ئىككى قېتىم يار ئېلىپ كېتىپ، 100 يىلدا بىر قېتىم يولىنى ئۆزگەرتىپ»، دەريا ساھىلىدىكى پۇقرالارغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تىنچ ئېقىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلدى.

يېڭى دەۋردە، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئىقتىساد بەلبېغى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىم رايون، ئۇنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم.

چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى...

 «مەن خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم»

خۇاڭخې دەرياسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈردى، كۆپ قېتىم ئۈچ دەريا مەنبەسى، چىليەنشەن، چىنلىڭ قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش قۇرۇلۇشى توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالدىنقى ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

9- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنى خېنەن جېڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى.

«دۆلەت بايرىمى ئالدىدا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئالدىراش. ھەرقانچە ئالدىراش بولساقمۇ، خۇاڭخې دەرياسى مەسىلىسىنى يەنىلا ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.» يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەتنى باشتىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز خۇاڭخې دەرياسىنى ئانا دەريا دەپ ئاتايمىز، خۇاڭخې دەرياسىنى ئاسراش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ۋە مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسى ئۇلۇغۋار پىلان.»

يۇقىرى ئېقىندىن تۆۋەن ئېقىنغىچە، يەرلىكتىن مەركەزگىچە، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى مەسئۇل يولداشلار كەلدى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئون نەچچە مەسئۇل يولداشمۇ كەلدى. كۆپچىلىك خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تونۇشىنى سۆزلىدى، تەسىراتىنى سۆزلىدى، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، تەكلىپ بەردى، گەپ ئەگىتمەي، كۆڭلىدىكىنى بىۋاسىتە بايان قىلدى.

ئەزەلدىن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ «بېشى مىس، قۇيرۇقى تۆمۈر، بېلى دۇفۇ» دەيدىغان گەپ بار. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغان خېنەن ئۆلكىسى دەل خۇاڭخې دەرياسىنىڭ «دۇفۇ بېلى» قىسمىدا بولۇپ، يەر ئۈستىدىكى «مۇئەللەق دەريا» ئالاھىدىلىكى ئەڭ گەۋدىلىك، تارىختا ئەڭ كۆپ يار ئېلىپ كەتكەن دەريا بۆلىكىدۇر. خېنەن جېڭجوۋنى تاللاپ بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشتىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر، ئەتراپلىق ئويلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشتىن بۇرۇن ئالاقىدار تارماقلاردىن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئىلمىي دەلىللەشنى تەلەپ قىلدى. سۆھبەت يىغىنىدىن بىر كۈن بۇرۇن، ئۇ خۇاڭخې دەرياسى مۇزېيىغا كىرىپ، خۇاڭخې دەرياسى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىدىكى لىنخې مەيدانىغا بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلەش تارىخىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە توسما قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، كۆردى.

جېڭجوۋ، خۇاڭخې دەرياسى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىدىكى لىنخې مەيدانىدا، باش شۇجى رېشاتكىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالدى.

خۇاڭخې دەرياسى خۇددى بېشىنى مەغرۇر كۆتۈرۈپ تۇرغان ئەجدىھادەك چىڭخەي - شىزاڭدىكى تاغ - دەريالارنى يېرىپ ئۆتۈپ، ئېگىزلىكتىكى جىلغىلاردىن كېسىپ ئۆتۈپ، خۇكوۋدىن سەكرەپ، لۇڭمېندىن چىقىپ، سەنمېنشيادىن ھالقىپ، توققۇز توقاي، 18 ئەگىمدىن ئۆتۈپ، ئۆركەشلەپ ئېقىپ دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، ئۇ بۇ ۋادىدىكى مىليونلىغان خەلقنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلدى، شۇنداقلا ھەممە تەرەپكە رەھىمسىزلىك بىلەن يامراپ، جانلىقلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى.

كۆز ئالدىمىزدىكى خۇاڭخې دەرياسى بويىدا، ئاسمان ئېگىز، سۇ بىپايان، ئورمان ۋە ئوت - چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن. گەرچە ئىلگىرىكى «يۈز چاقىرىم ماڭسىمۇ ئىس - تۈتەك كۆرۈنمەيدۇ، پەقەت قۇم - شېغىللار تاشلاندۇق شەھەرگە ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ» دېگەن ئېچىنىشلىق مەنزىرە بولمىسىمۇ، لېكىن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى لاي - لاتقىلارنى قوشۇپ شەرققە قاراپ ئېقىۋاتىدۇ، سۇ ئاپىتىگە نىسبەتەن ھوشيارلىقنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەزەرى چوڭقۇر مەنىلىك ئىدى: «خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشتە مۇھىم بولغىنى ئاسراش، زۆرۈر بولغىنى تۈزەش. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خۇاڭخې دەرياسى ئومۇمىي خورىنى ياخشى ئىجاد قىلىش كېرەك!»

 قەدىمدىن بۈگۈنگىچە خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش تارىخى ئوخشاشلا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تارىخىدۇر

تۈمەن چاقىرىملىق ئەگرى - توقاي خۇاڭخې دەرياسى لاي - لاتقىلارنى ئېقىتىپ كېلىدۇ. خۇاڭخې دەرياسىدا ئەزەلدىن «لاتقا كۆپ، يار ئېلىپ كېتىش كۆپ، كۆچۈش كۆپ» بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان قىيناپ كېلىۋاتقان چوڭ قىيىن مەسىلە ئىدى.

«ئادەتتە سۇ ئاز بولسىمۇ، كەلكۈن مەزگىلىدە سۇ كۆپىيىدۇ، قۇم مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە كېلىپ سۇ بىلەن قۇمنىڭ مەنبەسى ئوخشاش ئەمەس، مۇنداقچە ئېيتقاندا، دۇنيادىكى تۈزەش ئەڭ قىيىن دەريا ئېقىنىدۇر.» سۆھبەت يىغىنىدا، مىنىستىرلىق - كومىتېتتىن كەلگەن بىر مەسئۇل يولداش ئارقا - ئارقىدىن «دەرد تۆكتى» ھەم خۇاڭخې دەرياسىنىڭ كېسىلىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خۇاڭخې دەرياسى مۇزېيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۇزاق زامانلاردىن بۇيانقى دەريانى تۈزەش» كۆرگەزمە زالىدا خېلى ئۇزاق تۇردى. دايۈينىڭ سۇنى تىزگىنلىشىدىن، مىڭ سۇلالىسىدىكى پەن جىشۈننىڭ «سۇنى تىزگىنلەپ قۇملۇققا ھۇجۇم قىلىشى»غىچە، خەنۋۇدىنىڭ «خۇزى بىلەن يار ئېتىش»ىدىن كاڭشى خاننىڭ «دەريا ئىشلىرى، سۇ يولى تىرانسپورتى»نى ئوردىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئويۇشىغىچە... بىر سۇلالىدىن يەنە بىر سۇلالىگىچە، كىشىلەر ھارماي - تالماي ئىزدىنىپ، خۇاڭخې دەرياسىدىكى سۇ ئاپىتى بىلەن كۈرەش قىلدى، ھەتتا دەريا ئىلاھى ئۈچۈن نەزىر - چىراغ قىلىشقا، دەريانى تىنچىتىش ئىلاھلىرىغا ئۈمىد باغلىدى.

مىڭ سۇلالىسىدىكى پەن جىشۈننىڭ «خۇاڭخې دەرياسى مۇداپىئە خەرىتىسى»گە يېقىنلاشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى ئاستىلاتتى. خۇاڭخې، خۇەيخې، يۈنخې ئۈچ دەريا بىرلىكتە تۈزەلگەن بولۇپ، قوڭۇر رەڭلىك توسما سىستېمىسى ئەگرى - بۈگرى، ئېگىز - پەس سوزۇلغانىدى؛ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جېڭگۇڭ خېلۇڭچۇ ئابىدىسى بۆلىكى ئالدىدا، ئۇ سىنچىلاپ قارىدى. ئابىدىگە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق يارنى ئېتىش ۋەقەسى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، «ئەسكەر ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۇزاققىچە جاپالىق ئىشلىگەنلىكى»، دەريانى تۈزەشتىكى مۈشكۈلاتلار كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولاتتى.

خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يولنى ئۆزگەرتىش خەرىتىسىگە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇزاققىچە قارىدى. يار ئېلىپ كېتىش دائىرىسى شىمالدا تيەنجىنگىچە، جەنۇبتا چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسىغىچە يەتكەن بولۇپ، 250 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغىچە يېيىلىپ، جەنۇب، شىمال ئايلىنىپ تەۋرىنىپ تۇراتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كەلكۈن كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، «شەھەرلەر ۋەيران بولدى، ھەممە يەر لەيلەپ قالدى، پۇقرالار ياغاچنى قونالغۇ قىلدى، نەچچە مىڭ چاقىرىمدا كەپە كۆرۈنمىدى».

«خۇاڭخې دەرياسى تىنچ بولسا، جاھان ئەمىن تاپىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش تارىخى شۇنداقلا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تارىخىدۇر.»

يېڭى جۇڭگونى پاسىل قىلىپ، ئىككى گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار، قەدىمدىن ھازىرغىچە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىنى قەغەزدە جانلىق گەۋدىلەندۈردى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى 2500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا جەمئىي 1500 قېتىمدىن ئارتۇق يار ئېلىپ كەتكەن، 26 قېتىم دەريا يولى ئۆزگەرگەن.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە، 70 يىل يار ئېلىپ كەتمىدى، 20 يىل ئېقىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 12 قېتىملىق چوڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇلۇپ، 70 يىل خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تىنچلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئەھۋال ئۈستىدە توختالغاندا، نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملاردىن «قەدىمكى زاماندا يار ئېلىپ كېتىش ئارىلىقى ئەڭ ئۇزاق بولغان بىر قېتىملىقى قايسى ۋاقىت» دەپ سورىدى، چۈشەندۈرگۈچى جاۋاب بېرىپ، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، تەخمىنەن 30 يىل يار ئېلىپ كەتمىگەن، دەپ جاۋاب بەردى.

قەدىمىي خۇاڭخې دەرياسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى يېڭى جۇڭگودا يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى.

1946- يىلى، پارتىيەمىز خۇاڭخې دەرياسىغا قارىتا دەريا تۈزەش كومىتېتى قۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 1952- يىلى 10- ئايدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، ئايلىنىپ يۈرۈپ تەكشۈرۈپ خۇاڭخې دەرياسى بويىغا كەلدى، لەنكاۋغا بېرىپ، «خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش كېرەك» دېگەن ئۇلۇغ چاقىرىقنى چىقاردى. 1958- يىلى 8- ئايدا، ماۋ زېدۇڭ يەنە بىر قېتىم لەنكاۋغا كېلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش ۋە ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى خۇاڭخې دەرياسى بويىغا كېلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلىدى.

70 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم زور كۆلەملىك توسما قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، لۇڭ ياڭشيا، ليۇ جياشيا، شياۋ لاڭدى قاتارلىق سۇچىلىق تۈگۈنىنى ياساپ، پاسسىپ تۈزەشتىن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى - قۇمىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەش - تىزگىنلەشكىچە بولغان مۇھىم، زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ بايلىقىنى ئىلمىي ئېچىپ، پايدىلىنىپ، «دەريالار ئارقىلىق تاغقا ياردەم بېرىپ، تاغ - دەريالار ھەمدەم بولۇپ»، خۇاڭخې دەرياسى بويىنى يۇقىرى ھوسۇللۇق مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇردى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى سۇ - تۇپراقنى ساقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەريا ئېغىزىدىكى سۇلۇق يەرگە ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش ۋە شىياڭ دەرياسى، بەيياڭديەنلەرگە سۇ تولۇقلاشنى يولغا قويدى، خۇاڭخې دەرياسى سۈيىنى تيەنجىنگە باشلاپ، خۇاڭخې دەرياسى سۈيىنى چىڭداۋغا باشلاپ، خۇاڭخې دەرياسى سۈيىنى خېبېيغا كىرگۈزۈپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنى جىلغىلارنى تۈزەشكە سەپەرۋەر قىلدى... خۇاڭخې دەرياسى بويىدا، دەرەخ يوپۇرماقلىرى سارغايغاندىن كېيىن يەنە كۆكەردى، دەريا سۈيى تارتىلغاندىن كېيىن يەنە ئۇلغايدى، كونا قىياپەت يېڭى تۈس ئالدى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇق تەڭپۇڭ بولۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تەك سۇ تىزگىنلەش پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇدا ئىككى قارار خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۆلچەملەشكەن توسما قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى، دەريا يولىنى تۈزەش ۋە ساھىل رايونىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى، بېيجىن توسمىسى، دۇڭپىڭخۇ كۆلىنىڭ كەلكۈن توسۇش رايونىنى ئاچتى، «يۇقىرىدا توسۇش، تۆۋەندە چىقىرىش، ئىككى قىرغاقنى ئايرىپ توسۇش»تىن ئىبارەت تۆۋەن ئېقىننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى، «توسۇش، تەڭشەش، چىقىرىۋېتىش، قويۇۋېتىش، قېزىش»تىن ئىبارەت لاي - لاتقىنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن، خۇاڭخې دەرياسىغا كىرىدىغان جەمئىي 30 مىليارد توننىغا يېقىن لاي - لاتقا ئازىيىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى دەريا يولىغا تىنىپ قالىدىغان 11 مىليارد 200 مىليون توننا لاي - لاتقا ئازىيىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە پۇقرالار تۇرمۇشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى.

70 يىل ئۈزۈلمەي تىنچ ئاقتى. خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش مۆجىزىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ قولىدا ئىشقا ئاشتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىن جاۋابىنى تاپتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشنىڭ پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتۈشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك بۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ھە دېسىلا يار ئېلىپ كېتىدىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى تۈپتىن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.»

 خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسى

8- ئايدا گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ «كېسىلى» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى چاڭجياڭ دەرياسى ئاغرىپ قالدى، كېسىلى خېلى ئېغىر دېگەنىدىم، بۈگۈن مەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇاڭخې دەرياسى ئۇزاقتىن بۇيان تېنى ئاجىزلاپ، كېسەلچان بولۇپ قالدى، سۇ ئاپىتى كۆپىيىپ كەتتى.»

خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشكە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا تەپەككۇر قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. «خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشتە ئەڭ چوڭ قىيىن مەسىلە نېمە؟» بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئۇ بىرمۇبىر رەتكە تۇرغۇزدى: كەلكۈن خەۋپ - خەتىرى يەنىلا ئەڭ چوڭ تەھدىت، ۋادىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، سۇ بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىيىتى كەسكىن، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ... «<كۆرمىدىڭمۇ كۆز سېلىپ، ئەرشتىن چۈشكەن پېتى خۇاڭخې سۈيى ئۆركەشلىنىپ>، بۇ نەقەدەر ھەيۋەتلىك - ھە! بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلغاندىلا ئاندىن ئېقىننىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.»

«بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ھەم ئەسلىدىن بار يېتەرسىزلىكلەرنىڭ ئوبيېكتىپ چەكلىمىسى، ھەم كېيىن شەكىللەنگەن ئاسرىماسلىق سۈنئىي ئامىللىرى بار. بۇ مەسىلىلەر قارىماققا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سەۋەبىدىندەك كۆرۈنسىمۇ، يىلتىزى يەنىلا دەريا ۋادىسىدا.» «خۇاڭخې دەرياسىدا سۇنىڭ ئازىيىپ قۇمنىڭ كۆپىيىشى، سۇ بىلەن قۇم مۇناسىۋىتىنىڭ ماس بولماسلىقى خۇاڭخې دەرياسىدىكى مۇرەككەپ، داۋالاش قىيىن بولغان كېسەلنىڭ تۈگۈنىدۇر.»

قىيىن مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش تەرەققىياتىغا ئوخشاشلا مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسى.» خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش بولۇپ، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق.

ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇغا قاراپ بېكىتىپ، سۇنى ئۆلچەپ يولغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن، غول تارماق ئېقىن، ئوڭ - سول قىرغاقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چوڭ ئاسراشنى ئورتاق ياخشى تۇتۇپ، چوڭ تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش - تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن دەريا ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، خۇاڭخې دەرياسى مەدەنىيىتىنى قوغداپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.» ئۇ «چوڭ ئاسراش، چوڭ تۈزەش»نى تەكىتلەپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقامىنى بېكىتىپ بەردى، يېتەكچى ئىدىيە ۋە تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلىمىگەنلەر كونكرېت ساھەدىكى ئىشنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بىر ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە پىلانلاپ، يۇقىرى ئېقىندا سۇ مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىش؛ ئوتتۇرا ئېقىندا سۇ - تۇپراقنى ساقلاش ۋە بۇلغىنىشنى تۈزەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش؛ تۆۋەن ئېقىندا سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

باش شۇجى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خۇاڭخې دەرياسى بويىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم چوڭ ۋەزىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، دۆلەت، پۈتۈن ۋەزىيەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلىنىپ، <بىر تاختا شاھمات> ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك.» ئۇ مۇنداق مىسال كەلتۈردى: ئۈچ دەريا مەنبەسى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى ۋە لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسى «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، بۇ يەردە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى مۇھىممۇ ياكى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ مۇھىممۇ؟ دېگەننى ئويلىنىپ بېقىش كېرەك. سۇ مەنبەسىنى يېتىلدۈرىدىغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنى ئەڭ چوڭايتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، بۇ ھەرگىزمۇ زاۋۇت قۇرۇش، كان ئېچىشنى ئۆزى قارار قىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئازراق ئاشۇرۇپلا ئۆز كۈنىنى ئۆتكۈزۈشنى ئويلىسا بولمايدۇ.

باش شۇجى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تىنچ ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، جەزمەن سۇ بىلەن قۇمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، سۇ بىلەن قۇمنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەممە تەرەپ سۇ تۈزەش، بۆلۈپ باشقۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: سۇ بىلەن قۇمنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن نازۇك، بۇ خۇاڭخې دەرياسىدىكى سۇنىڭ قۇم مىقدارى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس. دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر قىلىش، سىستېمىلىق تەپەككۇر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولماسلىق، شۇنداق بولسا كېرەك، دەپ ئويلىماسلىق كېرەك.

باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇ بايلىقىنى ئەڭ چوڭ قاتتىق چەكلىمە قىلىپ، سۇغا قاراپ شەھەرنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ يەرنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ ئادەمنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ ئىشلەپچىقىرىشنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، نوپۇس، شەھەر ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى مۇۋاپىق پىلانلاش كېرەك. «شورپىغا قاراپ موما چىلاش كېرەك»، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاخىرىدا قۇرۇق مومىنى غاجىلاشقا توغرا كېلىدۇ.

«ھە دېگەندىلا خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەتقىق قىلىمىز دەپ ئېسىلىۋالمايلى، سېۋەتكە سېلىنغان ھەرقانداق نەرسە كۆكتات بولۇۋەرمەيدۇ. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنىڭ ئۇقۇمىنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرمايمىز ئەمەس، بەلكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراشنى مۇھىم ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسى قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ۋادى بۆلىكى، ئوخشاش بولمىغان ئۆلكە ئەھۋالى، رايون ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەك».

ئۇ «ئالدىراڭغۇلۇق كېسىلى قوزغىلىپ قالسا بولمايدۇ» دېگەننى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەزى كىشىلەر خۇاڭخې دەرياسىدىن ئىبارەت بۇ جايدا يەنە تېما چىقىرىلغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ تېمىدىن پايدىلىنىپ ئۆز پىكرىنى يورغىلىتىدۇ. بۇ ئۆتكەلنى ياخشى ئىگىلەپ، خالىغانچە چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويماسلىق، ھەر خىل ھەر ياڭزا تەرەققىيات رايونلىرىنى ئاچماسلىق كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار يىرىك پىلان پىروگراممىسى تۈزۈشكە تەشكىللىشى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يول لىنىيەسىنى پىلانلىشى، «قىزىل سىزىق»نى ياخشى سىزىشى كېرەك.

 ئىشەنچنى چىڭىتىش تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشنىڭ پايدىسىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشىدا، يۈز يىل، مىڭ يىللىق پىلان بولۇشى كېرەك، ئالدىراپ كېتىشكە، بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ.» نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىپە «تۆت بولماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش: توسما يار ئېلىپ كەتمەسلىك، دەريا يولىدا ئېقىن ئۈزۈلۈپ قالماسلىق، سۇ سۈپىتى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، دەريا قىنىنى ئېگىزلىتىۋەتمەسلىك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەركەز، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى - ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇكەممەل تۈزۈم ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزم ئارقىلىق خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۇ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ھەرقايسى رەھبىرىي يولداشلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى: «خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا بىر كۈندىلا ئۇتۇق قازانغىلى بولمايدۇ. تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ دەيدىغان مەنىۋى مەنزىل ۋە تۆھپە قوشۇشتا مەن بولمىسام بولمايدۇ دەيدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ھەم ئۇزاق كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ھەم ھازىر ئىشلەپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە تۈزۈپ چىقىپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان قىلىش كېرەك».

بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى بولسىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىسىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچلۈك ئەۋزەللىكى بولسىلا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان سېلىنغان مول ماددىي ئاساس ۋە تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى بولسىلا، خۇاڭخې دەرياسى مەدەنىيىتى مۇجەسسەملىگەن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بولسىلا، ئۇزاقتىن بۇيان توپلانغان خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش مول تەجرىبىلىرى بولسىلا، بىز چوقۇم يېڭى دەۋردە خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى، تېخىمۇ زور قەدەم تاشلىيالايمىز.

خۇاڭخې دەرياسى، جەزمەن جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىگە مەڭگۈ بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلىنىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 9- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى